首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ئاھالە ۋە نوپۇس

چارۋىچىلار «كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»دىن نەپ ئالدى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-05-17 06:12:43 :ۋاقىت

دۆلەتنىڭ «كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، 19 مىليون 980 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئاقيار بازىرى، يامانسۇ يېزىسى، ئاچاتاغ يېزىسى قاتارلىق ئۈچ يېزا- بازاردا «كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى باشلىدى.
  ئۈچ يېزا- بازاردا يولغا قويۇلغان «كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» ئاساسلىقى 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئولتۇراق ئۆي، 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئىسسىق قوتان، 12 كىۋادرات مېتىرلىق يەم- خەشەك ئۆيى ۋە 24 كىۋادرات مېتىرلىق سىلوس ئورىكى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تۈر رايونىدىكى 125 ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچىنىڭ ئۆي مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش