首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ئاھالە ۋە نوپۇس

ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى سىلىق ئۆستى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-05-17 18:28:56 :ۋاقىت

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017–يىلى 1–پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەھلىل

 

 مۇخبىرىمىز رىزا زەينەلقان خەۋىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى(CPI) بۇ يىل 1- پەسىلدە %1.8 ئۆستى. بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، سىلىق ئۆسۈش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلەتكەچكە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈپىتى داۋاملىق ئۆرلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، CPI مۇقىم يولغا چۈشتى.
  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەي جۇخەينىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ CPI سى 2014- يىلى %2.1، 2015- يىلى %0.6، 2016- يىلى %1.4 بولۇپ، پۈتۈنلەي تۆۋەن سۈرئەتتە سىلىق داۋالغۇش بولۇش ھالىتىدە تۇرغان. پەسىللىك تارىخىي سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندىمۇ شۇنداق بولغان. 2016- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ CPI سىنىڭ 1- پەسىلدىن 3- پەسىلگىچە ئۆرلەش كۆلىمى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %1.3 %1.1، %0.9 بولۇپ، 4- پەسىلدە ئەڭ يۇقىرى بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆسۈش كۆلىمى پەقەت %2.2لا بولغان.
  CPIنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۈزلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ CPI يۈزلىنىشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۈزلىنىشى بىلەن بىردەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىش چوڭ مۇھىتىغا ماس كېلىدۇ. تەي جۇخەي مۇنداق دېدى: ھازىر تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات جەريانىدا، L تىپىدىكى ئىقتىسادىي يۈزلىنىش ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ھالىتى بولۇپ قالىدۇ. CPI گە ماسلىشىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئايلىنىشى نىسبەتەن تۆۋەن سۈرئەتتىكى مۇقىم ئارىلىقتا بولىدۇ. ھازىرقى ماكرو ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ 1- پەسلىدە CPI نىڭ تۆۋەن سۈرئەتتە سىلىق ئۆسۈشى مۇۋاپىق ئايلىنىش ھالىتىدىن ئىبارەت.
  تەي جۇخەي CPIنىڭ 1- پەسىلدىكى ئايلىنىش ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: CPIنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىل قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلدى.
  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، CPI سىلىق ھالدا %1.8 ئۆسكەن بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %1.9، يېزىلارنىڭ %1.7 ئۆسكەن. تۈرگە ئايرىپ قارىغاندا، سەككىز چوڭ تۈردىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۆسۈشكە يۈزلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %5.2 بولغان؛ مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى %3.2، باشقا بۇيۇملار ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى %2.4، كىيىم تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بىلەن قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %2 ئۆسكەن. ئىلگىرى CPIنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان يېمەكلىك، تاماكا- ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى پەقەت %0.6لا ئۆسكەن بولۇپ، CPIنىڭ 1- پەسىلدە سىلىق ئۆسۈشىنى ساقلىغان مۇھىم «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇپ قالغان.
  تەي جۇخەي يەنە مۇنداق دېدى: CPIنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىللاردىن قارىغاندا، مۇلازىمەت باھاسى ئۇدا ئون يىل ئۆرلەپ، CPIنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سالمىقى داۋاملىق ئېشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېزلەتكۈچىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.
  ئىگىلىشىمچە، 1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇلازىمەت باھاسى %3.1 ئۆرلەپ، CPIنىڭ 1.08 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. مۇلازىمەت باھاسىنىڭ تەسىر كۈچى ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن. مۇلازىمەت باھاسىنىڭ CPIغا بولغان تەسىر كۈچى% 59.2 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ CPIغا بولغان تەسىر كۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %61.1تىن %40.8كە تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى تەسىر كۈچى 20.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى چوڭراق بولغانلىرىدىن: ھۆكۈمەت ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى %19.2، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى ھەققى %11، ئۇنىۋېرسال داۋالاش تۈرلىرى %10.7، دەرستىن سىرتقى تەربىيەلەش ھەققى %10.4 ئۆرلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا CPIنىڭ تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسىي ئامىللىرىدىن قارىغاندا، يېڭى كۆكتات ۋە تۇخۇم باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش ھەجىمى چوڭراق بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ CPIنىڭ 0.58 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى كۆكتات باھاسى %14.3 تۆۋەنلەپ، CPIنىڭ 0.52 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئايلىق سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، چاغانلىق ئاۋات مەزگىلدىكى ئىستېمالنىڭ تەسىرىدە، 1- ئايدا يېڭى كۆكتات باھاسى %11 ئۆرلىگەن، چاغاندىن كېيىن كۆكتات باھاسى ئۇدا تۆۋەنلىگەن، 2- ئايدا %20.7، 3- ئايدا %27 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، قۇش زۇكىمى ۋە بازارنى تەمىنلەشنىڭ تەسىرىدە، تۇخۇمنىڭ باھاسى ئۇدا ئالتە ئاي تۆۋەنلىگەن، 1- پەسىلدە تۇخۇمنىڭ باھاسى %13.6 تۆۋەنلىگەن.
  باھانىڭ يېڭىدىن ئۆرلەش ئامىلى ۋە تەسىر كۆرسىتىش ئامىلىدىن قارىغاندا، 1- پەسىلدە، تەسىر كۆرسىتىش ئامىلىنىڭ تەسىرى تۆۋەنرەك بولغان. مۆلچەرلىمە ھېسابلاش ئارقىلىق 1- پەسىلدىكى %1.8 ئۆرلەش دەرىجىسىدە، ئالدىنقى يىلىدىكى باھانىڭ ئۆزگىرىشىدىكى تەسىر كۆرسىتىش ئامىلى تەخمىنەن 0.8 پىرسەنت پوئېنت بولۇپ، 1- پەسىلدىكى ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن %44.4ىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئۆرلىگەن باھا ئامىلى تەخمىنەن 1.0 پىرسەنت پوئېنت بولغان.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش