首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-18 17:53:34 :ۋاقىت

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، مەملىكىتىمىزدىكى پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

 شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 40 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، خەلق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ماركسىزملىق نەزەرىيە بازىسى قۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيە ئامبىرىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەنلىرىنى گۈللەندۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى قوش ئىزدىنىش. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى يولداشلار ۋە پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچى ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش›› فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي يۆنىلىشى قىلىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پىششىق ئىگىلەپ، ئىلغار ئىدىيەلەرنى تارقىتىپ، جۇڭگو ئىلمىنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگو نەزەرىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، 21 – ئەسىردىكى ماركسىزم، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە تەبرىك خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەن سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، شەرھلەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، ئۈستۈنلۈك شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئۈزلۈكسىز گۈللەندۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش