首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن ئايرىم–ئايرىم سۆھبەتلەشتى ۋە كۆرۈشتى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-18 07:30:35 :ۋاقىت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى خەلق سارىيىدا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى ھەم مۇھىم گۈللەنمە بازار دۆلىتى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا سىياسىي جەھەتتىكى ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە، يەرلىك ھەمكارلىق قاتارلىق ساھە، قاتلاملاردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى قوللىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئارگېنتىنانىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، ھازىرقى سۇ ئېلېكتىر، تۆمۈريول قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئارگېنتىنانىڭ ‹‹جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قاتنىشىش كېلىشىمنامىسى››نىڭ 15 – ماددىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئالاقىدار بىر قاتار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى بىللە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ياشلار، ساياھەتچىلىك، يەرلىك ئالاقە، پۇتبول قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ساقچى ئىشلىرى، قانۇن ئىجراسى ۋە ئەدلىيە، جەنۇبىي قۇتۇپ ئىشلىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، 2030 – يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى قاتارلىق زور دۇنياۋى قارالمىلاردا قويۇق ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايدۇ، ئارگېنتىنانىڭ 2018 – يىلىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

 شى جىنپىڭ ئارگېنتىنانىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقى ھەم ئۇنىڭغا پائال قاتناشقانلىقىنى تەرىپلىدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: لاتىن ئامېرىكىسى 21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولىنىڭ تەبىئىي راۋاجى. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى خالايدۇ.

 ماكرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئارگېنتىنا ئارگېنتىنا – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. ئارگېنتىنا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش روھى بويىچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئارگېنتىنا جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، سودا جەھەتتىكى تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، پەن – تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە، ساياھەتچىلىك، ئادىمىيەت، پۇتبول قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

 ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى››نى ئېلان قىلدى.

 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، يېزا ئىگىلىكى، سۈپەت تەكشۈرۈش، تەنتەربىيە، سېلىنما، ئېنېرگىيە، تۆمۈريول ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

 شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ماكرىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن چاڭجى، ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىنمىن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ‹‹دياۋيۈتەي›› دۆلەت مېھمانسارىيىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ خۇڭسېننىڭ جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو – كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو كامبودژا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كامبودژا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – كامبودژا دوستلۇق ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو – كامبودژا مۇناسىۋىتىدە قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، يىراقنى كۆزلەپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىز يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سېلىنما ھەمكارلىقى جەھەتتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۆلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار ھەمكارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. قانۇن ئىجراسى، خەۋپسىزلىك، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت، مائارىپ، ياشلار قاتارلىق ئىجتىمائىي، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كامبودژانىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى، لەنساڭجياڭ دەرياسى – مېگۇڭ دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ياخشى رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى قوللايدۇ.

 خۇڭسېن مۇنداق دېدى: كامبودژا شاھىنشاھ سىخانوك بېكىتكەن جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قەتئىي قوللىشى ۋە كۈچلۈك ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، كامبودژا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، كامبودژا – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ۋە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئىقتىساد – سودا، تەرەققىيات، نامراتلارنى ئازايتىش، سەھىيە، خەۋپسىزلىك، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. كامبودژا ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر يىلى كامبودژا – جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى بىللە ئۆتكۈزۈشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش