首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

‹‹بىپايان كۆكتە بىرلىكتە پەرۋاز قىلايلى››

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-05-19 12:12:26 :ۋاقىت

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

5 – ئايدا ياز باشلىنىپ، ئوت – چۆپلەر ئۆسىدۇ، گۈللەر ئېچىلىدۇ.

دۇنيانىڭ دىققەت – نەزەرى يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا تىكىلدى. بۇ قېتىمقىسى باشقا ۋاقىتتىكىدىن ئالاھىدە ئىدى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم رەھبەرلەرنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانلار تەقدىرىنى كۆزىتىش تەسەۋۋۇرىدا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ بۈيۈك ھەمكارلىق پىلانى ئۈستىدە كېڭىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەردى.

دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىندى، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى پۈتۈن دۇنيادا ئەكس سادا قوزغىدى

‹‹2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەجدادلىرىمىز نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، ئوتلاق، قۇملۇقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق يىپەك يولىنى ئاچقان ئىدى؛ ئەجدادلىرىمىز كېمە بىلەن يىراق سەپەرگە ئاتلىنىپ، دېڭىز دولقۇنلىرىنى يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز يىپەك يولىنى ئاچقانىدى››.

5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى باشلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئىنسانلارنى قەلبىگە پۈكۈپ، جاھانغا نەزەر تاشلاپ، قەدىمدىن ھەم ھازىردىن سۆز ئاچتى، كەيپىيات ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ بولدى.

1600دىن كۆپرەك ئادەم سىغىدىغان يىغىن زالى لىق تولغانىدى. 40 نەچچە مىنۇتلۇق ئاساسىي مەقسەت نۇتقى جەريانىدا، مەيداندا 27 قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇرى، بۈيۈك تەشەببۇسى، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈشى نەتىجىسىدە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى مول نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

تاراتقۇلارنىڭ باھاسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەگەر ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار بېيجىڭ يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگونىڭ ئەسلىدە بار بولغان رايونلار ئارا ھەمكارلىق سۇپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دېيىلسە، ئۇنداقتا جۇڭگو ئۆتكۈزگەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ھەقىقىي مەنىدىكى ‹‹جۇڭگونىڭ كورسلۇق مەھسۇلاتى›› دېيىشكە بولىدۇ.

جۇڭگونىڭ ساداسىغا ھەممەيلەن ئاۋاز قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ 2013 – يىلى كۈزدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىدىيە ھەرىكەتكە، ئارزۇ – ئۈمىد رېئاللىققا ئايلاندى.

تۆت يىلدىن بۇيان، دۇنيادىكى 100دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات پائال ئاۋاز قوشۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى قوللىدى ۋە بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشتى. ب د ت يىغىنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم قارالمىسىغىمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى كىرگۈزۈلدى.

يېڭى يىلنىڭ بېشى، شىۋېيتسارىيە داۋوس. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ سەھنىسىگە چىقىپ، ‹‹دەۋرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى نۇتقىنى سۆزلىدى ھەم بۇ يىل 5 – ئايدا بېيجىڭدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەمكارلىق بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇڭگونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مېھمانلار جەم بولدى.

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ھالقىپ كەتتى، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يىغىنغا ئىشتراك قىلدى.

مۇنبەر باشلىنىشقا بىر ھەپتىمۇ قالمىغان چاغدا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى: 1500دىن كۆپرەك جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمان ئارىسىدا 850 تىن كۆپرەك چەت ئەللىك ئەزىز مېھمان بولۇپ، ئۇلار 130 نەچچە دۆلەت ۋە 70 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەنىدى...

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنبەر باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ پاراڭلاشتى ھەم يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. كۆپچىلىك رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بەس – بەستە تەشەككۈر ئېيتىشتى.

ئامېرىكا ئاقساراي ئەمەلدارىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ئالاھىدە ئەلچىسىنى مۇنبەرگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭغا مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ، ئۆزىنى دوستانە تەكلىپ قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، مۇنبەر ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ئىقتىساد – ئېنېرگىيە مىنىستىرىنى باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى، ئىقتىساد – ئېنېرگىيە مىنىستىرى مېركېلنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەم مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون يېڭىدىن سايلىنىپلا سابىق زۇڭلى رافارىننى مۇنبەرگە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېيىشتى: يىغىنغا قاتناشقان 70 نەچچە خەلقئارا تەشكىلات ئىچىدە، 60 دەك تەشكىلاتنىڭ ‹‹1 – قول رەھبىرى›› يىغىنغا قاتناشتى، بۇنچىۋالا زور كۆلەم پەقەت ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ يىغىنلاردىلا كۆرۈلىدۇ.

جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك جەلپكار؟

بەزى ئەزىز مېھمانلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنى ئاڭلاپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مۇنداق جاۋاب بېرىشتى:

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنداق دېدى: دۇنيا مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، بىز يېڭى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئارقىلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىق دەرۋازىسىنى ئېچىشقا موھتاج.

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ب د ت نىڭ 2030 – يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن بىرلىكتە يولغا قويۇلۇپ، جاھان ئەھلىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋېنگىرىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرى سىجارتو مۇنداق دەپ قارىدى: ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھەر قېتىملىق قول ئېلىشىش ۋە كۆرۈشۈش جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتىكى قەتئىي قارارىغا شاھىت بولدى.

ياۋروپا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىشتراكچىسى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنبەر مەزگىلىدە شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى، گىرېتسىيە زۇڭلىسى، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى، ئىتالىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى...

چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى زور ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلۇش، دەپ باھا بەردى. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىز، زور غەيرەت – شىجائەتنى ئىپادىلەپ بەردى، كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.

بۇنداق جاسارەت چوڭقۇر مەنىلىك تارىخىي نەزەردىن كەلگەن

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۆت يىل ئىلگىرى قازاقىستان نەزەربايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىكى چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى:

يۇرتۇم شەنشى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا جايلاشقان. بۇ يەردە تۇرۇپ تارىخنى ئەسلىگىنىمدە، تاغلاردىن قايىتقان كولدۇرما ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك، قۇملۇقلاردا كۆتۈرۈلگەن چاڭ – توزانلارنى كۆرگەندەك بولىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىنتايىن يېقىملىق تۇيۇلىدۇ.

5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى. كەچ كىرىشى بىلەن ‹‹چاڭئەن›› كوچىسىنىڭ يېنىدىكى دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى رەڭگارەڭ چىراغلارنىڭ نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى ‹‹1000 يىللىق ئۇچرىشىش›› باش تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇستاتلىق بىلەن پىلانلانغان بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىدى.

1000 يىللىق تارىخنى ئەسلەپ، 1000 يىللىق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش. ‹‹ئەسىر قۇرۇلۇشى››دىن ‹‹1000 يىللىق ئۇچرىشىش››قىچە، قەدىمىي يىپەك يولى تارىخىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭگو لايىھەسى دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ماسلاشقان پارلاق ئىستىقبال نامايان قىلىندى.

بۇنداق جاسارەت بۈيۈك ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇردىن كەلگەن

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ داۋوس مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹دۇنياغا زادى نېمە بولدى؟›› دېگەن دەۋر خاراكتېرلىك سوئالىدىن تارتىپ، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئانالىز قىلغان ‹‹بىز نەدىن كەلدۇق؟ ھازىر نەدە؟ نەگە بارىمىز؟›› دېگەن پەلسەپىۋى پىكرىگىچە، ئاندىن يەنە بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا شەرھلىگەن تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى جۇڭگو تەدبىرىگىچە بولغان جەرياندا، ئۇ باشتىن – ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى ئانالىز قىلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش تومۇرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى بېكىتىپ بەردى.

بۇنداق جاسارەت كەڭ دۇنياۋى نەزەردىن كەلگەن

رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ ‹‹تاغ – دەريالىرىمىز شۇنچە گۈزەل›› ناملىق چوڭ ھەجىملىك تام رەسىمىنىڭ ئالدىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

تاغ – دەريالىرىمىز شۇنچە گۈزەل، ھەيۋەتلىك، قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلىدۇ.

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ئۇ دۇنياغا مەنسۇپ. جۇڭگو تىنچلىق ۋە ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن كەڭ قورساقلىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.

ئېچىلسا بىر تال گۈل باھار ئەمەس، ھەممە گۈل ئېچىلمىغۇچە باھار كەلمەس.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەممە دوستلارغا ئېچىۋېتىلىدۇ، ئۇلار مەيلى ئاسىيا، ياۋروپا ياكى ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلسۇن، ھەممەيلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ ھەمراھلىرى، دەپ تەكىتلىدى.

بۇنداق جاسارەت ئەمەلىي ئېچىۋېتىش كۈچىدىن كەلگەن

رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، شۇنداقلا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى.

شى جىنپىڭ تۆت يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن مۇھىم سورۇندا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ روھى ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى بايان قىلدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى نەق مەيدانىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ بېلورۇسىيەدە جۇڭگو – بېلورۇسىيە سانائەت رايونىدا مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بولدى؛ پولشادا بىر تۇتاش داڭلىق بەلگە ئىشلىتىلگەن جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپاغا قاتناش مۇراسىمىغا قاتناشتى؛ سېربىيەدە خېبېي پولات – تۆمۈر گۇرۇھى سېربىيە سمېدېرېۋو پولات زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى؛ ئۆزبېكىستاندىكى ‹‹ئانگرېن – پاپې›› تۆمۈريول تونىلىدا پويىز قاتنىغانلىقىغا شاھىت بولدى...

شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، دىققەتنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈردى؛ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە ۋەكىل، ئەزالار بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى؛ يۈننەن، جىلىن، چۇڭچىڭ، خېيلۇڭجياڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاساسىدا كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى...

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى قەدىمىي يىپەك يولىدا ئورتاق يازغان دوستلۇق سەھىپىلىرى ئۈزۈلمىدى؛

بۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى ۋە تۈرتكىسىدە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدىكى دەۋرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى.

دەۋرنىڭ تېمىسىغا جاۋاب بېرىلدى، جۇڭگو ھەرىكىتى چوڭ دۆلەتنىڭ زىممىسىگە ئېلىشتەك جاسارىتىنى نامايان قىلدى

5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ‹‹خەلق›› سارىيىدىكى ئىككى مەيدان ئۇچرىشىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

رەئىس شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلىنىشتىن ئاۋۋال قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ ۋە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن كۆرۈشتى.

نەزەربايېۋ رەئىس شى جىنپىڭغا: ‹‹ھازىر نۇرغۇن دۆلەت كەلگۈسىدە ھەمكارلىق، تەرەققىيات قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟ دېگەن ئەندىشىدە بولماقتا، سىز خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىگە ناھايىتى ياخشى جاۋاب بەردىڭىز›› دېدى.

رەئىس شى جىنپىڭ تۆت يىل ئىلگىرى كۈزدە قازاقىستان ۋە ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ۋاقىت تېز ئۆتمەكتە. لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي داستانى مۇشۇنىڭ بىلەن باشلاندى، چەت ئەل تاراتقۇلىرى خۇرسەن بولغان ھالدا: بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن، دېدى.

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، دەل ۋاقتىدا ئېچىلغان يىغىن.

رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ: ‹‹بۇ تەشەببۇس مېنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە مۇلاھىزە قىلىشىمنىڭ مەھسۇلى›› دېدى.

تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشەش دەۋرىدە تۇرماقتا. تىنچلىق، تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز پات – پات خىرىس يۈز بېرىۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئەنئەنىۋى خىرىس تېخى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، دۇنياۋىلىشىشكە قارشى پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئىلگىرىلىشى قىيىن بولدى.

دۇنيا ئېقىمىنى توغرا تونۇغاندىلا، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ؛ تارىخىي قانۇنىيەتنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگىلى بولىدۇ.

ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى خايلېمارىئام رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى سىزنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىڭىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئېقىمىغا بولغان چوڭقۇر تونۇشىڭىزنىڭ مەھسۇلى.

‹‹بىر تامچە سۇدىن بىپايان دېڭىزغا، بىر تال قۇم دانىچىسىدىن دۇنياغا نەزەر سالغىلى بولىدۇ››.

5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى كەچتە ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ياڭراپ، زال ئىچى خۇشال كەيپىياتقا تولغانىدى. رەئىس شى جىنپىڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى، شۇنداقلا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

مېھمانلار بىلەن ساھىبخانا قولىغا رۇمكا ئېلىپ، ئورتاق ئىشلارنىڭ كۈندىن – كۈنگە يۈكسىلىشىنى تىلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەدەھ سۆزى سەمىمىي، تەسىرلىك، شۇنداقلا ئەقىل – پاراسەتكە تولغانىدى: ئىنسانلار ئورتاق ماكاندا ياشاۋاتىدۇ، ئۇلار ئورتاق تەقدىرگە ئىگە، ئىنسانلار تارىخى باشتىن – ئاخىر ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشى، چۈشىنىشى ئىچىدە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئورتاق كېڭىشىش تارىخىي ئېقىمنىڭ داۋاملىشىشى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن توغرا تاللاش.

موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئېردىنىبات رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: سىز شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي نەتىجىلىرى بىلەن ساۋاقلىرىنى ئويلىشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانلار تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، مۇقىمسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دۇنياغا تىنچلىق، تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلماقچى بولدىڭىز.

سىياسەتنى، ئەسلىھەنى، سودىنى، مەبلەغنى، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرىدىغان... جۇڭگو لايىھەسى دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

ھەر قېتىملىق نۇتۇق، سۆھبەت، كۆرۈشۈشلەردە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇنبەردىكى ۋاقتى مىنۇت بويىچە ھېسابلاندى. ئۇ ھەر خىل سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ دۇنياغا جۇڭگونىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنبەرگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات چوڭ پىلانى ھەققىدە ئورتاق كېڭەشتى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ھەرىكەت خىتابى دۇنيانى تەسىرلەندۈردى

بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شەرت – شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتەك كونا ئۇسۇلنى تەكرارلىماستىن، بەلكى ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭى ئەندىزىنى يارىتىمىز؛ مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىچىك دائىرىلىك گۇرۇھ شەكىللەندۈرمەي، ئىناق ئۆتۈپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان چوڭ ئائىلىنى قۇرىمىز.

جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى فوندىغا يېڭىدىن 100 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى چەت ئەل فوندى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىليارد يۈەن بولىدۇ.

جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىساد – سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئەركىن سودا تورىنى قۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو 2018 – يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ.

جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىچە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكا، ئادىمىيەت ئالاقىسى، بىرلەشمە تەجرىبىخانىنى ئورتاق قۇرۇش، پەن – تېخنىكا رايونى ھەمكارلىقى، تېخنىكا يۆتكەشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ھەرىكەتنى قانات يايدۇرىدۇ؛

جۇڭگو كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا 60 مىليارد يۈەن ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى يولغا قويىدۇ. بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 2 مىليارد يۈەنلىك جىددىي ئاشلىق ياردىمى بېرىمىز، جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقى ياردەم فوندىغا 1 مىليارد دوللار مەبلەغ كۆپەيتىمىز، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە 100 ‹‹بەختلىك يۇرت››، 100 ‹‹قىيىنچىلىقى بارلارغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈپ ياردەم بېرىش››، 100 ‹‹ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش›› قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويىمىز.

... ...

خەلقئارا جەمئىيەت باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى يولغا قويۇپ، ناھايىتى چوڭقۇر سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىدى ھەم ئۆز ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئالاھىدە فورمۇلاسى شەرقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى بىلەن تولغان

يىغىن مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا قايتا – قايتا ‹‹بىر قوشۇلغان بىر ئىككىدىن چوڭ›› بولۇشنى تەكىتلەپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

‹‹ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى››، ‹‹ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئومۇمىي پىلانى››، ‹‹پارلاق يول››، ‹‹ئارىلىق كارىدورى››، ‹‹تەرەققىيات يولى››، ‹‹ئىككى پېشايۋان، بىر چەمبىرەك››، ‹‹ئەنگلىيە شىمالىي ئىقتىساد مەركىزى››، ‹‹كەھرىۋا يولى››... رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت، رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قەلبىگە پۈكتى.

ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى يېڭىباشتىن تۇتۇش قىلىش، ئۆرۈۋېتىپ قايتىدىن باشلاش بولماستىن، ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاشتۇر.

يىغىندا ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپنىڭ تۆت يىلدىن بۇيانقى پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ئارزۇ، تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئالتە مەيدان باش تېما يىغىنىنى لايىھەلەپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ۋەكىللەرنى بەھۇزۇر سۆزلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى شۋابنىڭ ئېيتقىنىدەك: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ھەر قايسى دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى پەرقى، شۇنداقلا ئوخشىمىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشقا ئورتاق ئاساس سالدى.

5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كەچقۇرۇن، باشلىقلار مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى. قېلىن بىر پارچە نەتىجە تىزىملىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

بەش چوڭ خىل، 76 چوڭ تۈر، 270 تۈردىن ئارتۇق كونكرېت نەتىجە ‹‹ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنى راۋانلانلاشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇردى››، ‹‹تۈرلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى››، ‹‹كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى››، ‹‹پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى››، ‹‹خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى››... كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى، كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرى ئىمزالاندى، بىر قاتار ھەمكارلىق تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مول نەتىجىلەر ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. ‹‹مەن ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن <بىر بەلباغ، بىر يول> نى چوقۇم تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز!››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان كەسكىن سۆزى باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى.

قەلبىمىزگە ئىنسانىيەت تەقدىرىنى پۈكۈپ، جۇڭگو لايىھەسى ئارقىلىق پارلاق كەلگۈسىنى يېتەكلەيمىز

يەنچىخۇ كۆلى بويىدا 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 30 نەچچە دۆلەتنىڭ بايرىقى لەپىلدەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

يەنچىخۇ كۆلى خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى ‹‹جىشيەن›› زالىدا رەئىس شى جىنپىڭ 29 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ب د ت، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ چوڭ خەلقئارا ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىللە، يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ زاكون بولقىسىنى ئۇرۇپ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

‹‹سىياسەت بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش››تىن، ‹‹ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش››قىچە، رەئىس شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى ۋە چۈشتىن كېيىنكى ئىككى باسقۇچلۇق يىغىنغا باشتىن – ئاخىر رىياسەتچىلىك قىلدى، چۈشلۈك يىغىن زىياپىتىدە يەنە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە، ‹‹ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› قارالمىسىنى چۆرىدەپ، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى، مۇھىم مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى. يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىخچام ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەيپىيات قىزغىن، دوستانە ۋە ئىناق بولدى.

ھەمكارلىق نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەمكارلىق پىرىنسىپىنى تۈزۈش، ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ قوشما ئاخباراتى مول نەتىجىلىك بولدى ھەم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى.

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەمەلىي مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپە ياراتتى.

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سەمىمىي نەپ يەتكۈزۈش، راستچىل ھەم سەمىمىي بولۇش، توغرا مەنپەئەت قارىشى تۇرغۇزۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش تەشەببۇس قىلىندى... پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ نەزەرىنى يىراق كەلگۈسىگە تىكىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش يېڭى دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، نەزەرىيە سىستېمىسىنى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتۈردى.

رەئىس شى جىنپىڭ 26 قېتىم چەت ئەلگە زىيارەتكە بېرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىز قالدۇردى. دۆلەت ئىچىدە چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن 200 نەچچە ئادەم (قېتىم) كۆرۈشۈپ، ئەتراپتىكى چوڭ دۆلەتلەردىن تارتىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە كۆپ تەرەپلىمە خەلقئارا سەھنىلەرگىچە باردى... رەئىس شى جىنپىڭ تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆزى باش بولۇپ، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ‹‹ئەڭ كۆپ ئەھدىنامە سانى›› ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورى بەرپا قىلدى، دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››نى بارا – بارا كېڭەيتتى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى بولغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى، دۆلەت ئىچى بىلەن سىرتىنى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ياراتتى.

بۇ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇش يولى

جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە شاھىت بولدى، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىشىغا كەڭ زېمىن ھازىرلىدى.

‹‹بىز جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ھەم يېتەكلەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىمىز...›› رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دەبدەبىلىك سۆزى دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سەمىمىيىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگو ھەمكارلىشىپ قاتناشقان تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى خەلقئارا دوستلۇق كۆۋرۈكى دەپ قارىلىپ، دۆلەتلەر ئارا ئۇزاققىچە ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى ھەم سىياسىي، ئىقتىساد – سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە سۇپا ھازىرلىدى.

بۇ، قەدىمكى بىلەن ھازىرقىدىن ھالقىش يولى

يىراققا تارالغان كولدۇرما ئاۋازى شەرق ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىدىكى تارىخىي مۇساپىلەرگە شاھىت بولۇپ، دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئايلاندى. ئۇنىڭغا مول تارىخىي ئەسلىمىلەر ھەم چوڭقۇر تارىخىي ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرى 21 – ئەسىردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەم كەڭ يول ئاچتى.

فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى دېۋېرپان مۇنداق قارىدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى قەدىمكى زامان بىلەن ھازىرقى زاماننى تۇتاشتۇرۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن كۆۋرۈك بولدى ھەم ‹‹تەرەققىيات مۇساپىسىدە بىرمۇ دۆلەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق››نى ئاساسىي مەقسەت قىلدى.

گىرېتسىيە زۇڭلىسى چىپراس مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدۇ ھەم سودا سېلىنمىسىنى كۈچەيتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ‹‹يىراق كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئەسىر ھالقىغان تەشەببۇس›› دېيىشكە بولىدۇ.

پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۈچلۈك كۆپ مەنبەلىك ۋە كەڭ قورساقلىقنى ئىپادىلەپ، دۇنياۋىلىشىش بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى؛

......

رەئىس شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىللە، ‹‹خەنچۆ›› مەيدانىغا كېلىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەنچىخۇ كۆلى خەلقئارا يىغىن مەركىزى قۇياش نۇرىدا بەئەينى پەرۋاز قىلىۋاتقان تۇرنىغا ئوخشاش كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار مۇنبىرىدە: ‹‹كۆپچىلىك يەنچىخۇ كۆلىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قانىتىمىزنى كەڭ يېيىپ، بىپايان كۆككە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىققا تولغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يىراق كەلگۈسىگە قاراپ بىرلىكتە پەرۋاز قىلايلى!›› دەپ مۇراجىئەت قىلدى.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش