首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-05-19 12:26:45 :ۋاقىت

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئەنۋەر سىيىت

كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش مۇستەھكەم ئىرادىسى نامايان قىلىنىپ، بىزگە ئۆگىنىش ئۈلگىسى تىكلەپ بەردى.

‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى، ئۇلار بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. مەن ئەدلىيە سېپىدىكى پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىش، پارتىيەگە، دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ساداقىتىم بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىمەن.

شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەر مىللەت خەلق چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، جاپاغا چىداپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ گۈللەندۈرگەن تارىخ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارىخنى ئۆزگەرتىش ۋە تارىخنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇندى، بىز ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇشىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىمىزنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل نىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە گۈزەل يۇرتىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ئاپەت. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوترىتىپ، ئۇيغۇر ئاممىنى ئازدۇردى، بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلدى، ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۇلارنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققان مۇناپىق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قانات يايدۇرۇۋاتقان كۈرەش ھايات – ماماتلىق كۈرەش، مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان سىياسىي كۈرەش. بىزنىڭ قوغدايدىغىنىمىز دۆلەت مەنپەئىتى، پارتىيە مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى!

بىزدە بىرلا ئېتىقاد بار، ئۇ بولسىمۇ كوممۇنىستىك ئېتىقاد. كوممۇنىستىك ئېتىقاد پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روھى. ئۇ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەر قانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىشىدىكى روھىي تۈۋرۈك. بىز بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە چوقۇم پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزم ئىدىيەسىگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. مىللەت، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىش قىلمىشلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىشىمىز كېرەك. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىدىغان مەنبەنى ئۈزۈل – كېسىل تازىلاپ، ‹‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمىز روشەن بولۇپ، تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇش ئالدىدا تۆۋەن چەكنى ساقلىشىمىز، پارتىيەگە قەتئىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىرلا تاللىشىم بار، ئۇ بولسىمۇ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش، قەتئىي كۈرەش قىلىش، ئاداققىچە كۈرەش قىلىش! ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش بۇرچىمنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىم، ئىش ئورنى ئېڭىم، بازا ئېڭىمنى كۈچەيتىمەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئەدلىيە مەمۇرىيىتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باش نىشاننى كۆزلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىيىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىيىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش›› ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە يولغا قويىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمە، يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئېتىپ، قەيسەر، قورقماس ئىرادە بىلەن ئالدىنقى سەپتە مېڭىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش