首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-05-19 12:32:15 :ۋاقىت

يىغىندا سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنى 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا ‹‹باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش›› تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلدى. ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹قارار›› دېيىلىدۇ) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

‹‹قارار›› سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بولۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، رەزىللىك، زوراۋانلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملىدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا يېتەكچىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹قارار››دا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ، ئۇيۇشقاقلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت››لىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى دەپ بىلىپ، تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە قاراپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان قوغدىغۇچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈلگىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تايانچ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى قوغداش ئۈچۈن جان پىدا قىلىش كېرەك.

يىغىندا، شى لىن، ھەبىبۇللا ئابدۇسالام، جياڭ پىڭئەن، ئاينۇر مەخسەت، شى يۇڭچياڭ، تۇرغۇن ئىبراھىم، مېڭ چىڭسەي، دوستان قۇرمانباي، لۇ ۋېيلۇڭ، دولقۇن ئابدۇرېھىم، يۇ لياڭيىڭدىن ئىبارەت 11 يولداش ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىش، مىللەتلەرنىڭ بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياشلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئىدېئولوگىيە رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ‹‹جان تومۇر››نى تۇتۇپ، باش نىشانغا يېتىش، مىللەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىپ بېيىش يولىغا مېڭىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى، ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ سۆزنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي جىجيې كادىرلار ئىشلىرىغا ئائىت ئىشلارنى چۈشەندۈردى، مۇئاۋىن رەئىس گۈلشاد ئابدۇقادىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن رەئىس ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ماغاۋ سېيىتقامزە، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، يۈ شيۇدۇڭ، قادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش