首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ساياھەت نوقتىلىرى

باغراش كۆلى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-26 11:53:53 :ۋاقىت

   باش ياز باغراش كۆلىنىڭ گۈزەل پەسلى ھېسابلىنىدۇ. باغراش كۆلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگزلىكى 1047 مېتىر كېلىدۇ، ھاۋا كىلماتى مۆتىدىل، قۇرغاق، ھۆل-يېغىن ئاز بولۇپ، چۆللۈك بىلەن بوستانلىق مەنزىرىسى بىرىكىپ كەتكەن، ئاساسلىقى ئاجايىپ گۈزەل قۇم-كۆل بىرىكمە مەنزىرىسى، ئەگرى-بۈگرى كەتكەن، جىمجىتلىققا تولغان قومۇشلۇق ۋە سازلىق ئېكولوگىيە مەنزىرىسى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قۇم ساھىلى مەنزىرىسى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلىرى بار.چوڭ كۆل رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 55 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. كىچىك كۆل رايونى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان 16 كىچىك كۆلدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، كىچىك كۆلنىڭ كۆلىمى 100 كىۋادرات كىلومېتىر ئاشىدۇ. باغراش كۆلىدە 400 مىڭ مو كۆلەمدە قومۇشلۇق ۋە ياۋا نىلۇپەر بار بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى تۆت چوڭ قومۇشلۇقنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش