首页 > شىنجاڭغا نەزەر > ساياھەت نوقتىلىرى

گۈزەل ماكان ـــ قاناس

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-05-26 12:11:26 :ۋاقىت

قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قازاقستان، رۇسىيە، مۇڭغۇلىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق تۆت دۆلەت چېگرىلىنىدىغان ئالتۇن بەلباغدا بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 250 مىڭ گېكتار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇرچىن ناھىيەسىگە تەۋە. بۇ رايون 1980-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلۇپ، 1986-يىلى دۆلەت دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەن.

قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئىلىم-پەن سىناق رايونى، بۇففېرلىق رايون (ئارىلىق رايون ) ۋە مەركىزىي رايوندىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلىنىدۇ. بۇ رايون ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي بۆلىكىدە بولۇپ، تۆتىنچى ئەسىر مۇزلۇقى ۋە شىمالىي مۇز ئوكيان كىلىماتىنىڭ تەسىرىدە ئالاھىدە تەبىئىي لاندشافت ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈك تىپى شەكىللەنگەن. بۇ رايوندا ئورمانلىقلار بىلەن يايلاقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، چوققىلاردا مۇكەممەل ساقلانغان تۆتىنچى ئەسىر مۇزلۇقلىرى يالتىراپ تۇرىدۇ، قاناس كۆلى زۇمرەتتەك دولقۇنلاپ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ رايوندىكى ئورمانلىقلار ئاساسەن ئىپتىدائىي ھالەتتە بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى بىردىن بىر تايگا ئورمانلىقى مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر رايوننىڭ تۈر مەنبەسى ئىنتايىن مول بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن يىلپىز، ئارقار، سۈلەيسۈن، سۆسۈن بۇلغۇن، قۇر (ئورمان توخۇسىنىڭ بىر خىلى)، كەرىقۇر قاتارلىقلار بار. بۇ رايوننىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، مۇھىم بولغان قوغداش قىممىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى ئويۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئېلېكترونلۇك مەمۇرىيەت ئىشخانسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش