首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىئەن-تۇرپان-قەشقەر لىنىيەسىنى ئاچىدۇ

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى :مەنبە 2017-06-06 18:17:29 :ۋاقىت

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىئەن-تۇرپان-قەشقەر لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تورى يەنىمۇ قويۇقلىشىپ، قەشقەر ۋە ئەتراپ رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىشىغا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ، ئارىلىقتا ئايروپىلان ئالمىشىدىغان ئىشلار ئازىيىپ، ۋاقىت تېجىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، شىئەن-تۇرپان-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 26-ئىيۇندىن باشلاپ ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ لىنىيەدە ھەر دۈشەنبە، سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى CZ6895/6 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئۇچىدىكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش