首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا مەسلىھەت بېرىش كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-06-15 18:29:52 :ۋاقىت

مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن 14-ئىيۇن ئىگىلىنىشىچە، «2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا مەسلىھەت بېرىش ھەپتىلىكى» 22-ئىيۇن باشلىنىدىكەن. مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىلقى توردا مەسلىھەت بېرىش پائالىيتى 22-ئىيۇندىن 28-ئىيۇنغىچە؛ ھەركۈندىكى مەسلىھەت بېرىش ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 گىچە بولىدىكەن. مەسلىھەت بېرىش مەزگىلىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، كۆپ ساندىكى ئۆلكە ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى توردا سۇئاللاردا جاۋاب بېرىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە يەرلىكنىڭ مەسلىھەت بېرىش تور ئادرېسى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش