首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

24-ئىيۇن كەچتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-06-23 16:13:14 :ۋاقىت

     شىنجاڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە تىزىملىكى 24-ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ.

    شىنجاڭدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭرىتاغ تورى (http://www.ts.cn)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjedu.gov.cn/、http://www.xj.edu.cn)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى (http://www.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى «تۇرمۇش بىلەن» تور بېكىتى (http://www.wxcs.cn) گە چىقىپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

    ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە قارىتا گۇمانى بولسا، 25-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق جاي، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ «2017-يىللىق ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس جەدۋىلى»نى ئېلىپ، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان پەن ۋە سەۋەبىنى توغرا، ئېنىق يېزىپ، تەۋە مەكتىپىگە سۇنسا، تەۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ھەم تامغا ئۇرغاندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا قايتا قاراپ چىقىشقا يوللىسا بولىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىكى خادىملار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ نازارىتىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ جاۋاب قەغىزىگە قايتا قاراپ چىقىدىكەن.  

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش