首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-07-12 05:08:10 :ۋاقىت

6–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

سۈن چۈنلەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى  ياڭ جىڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7–ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. 6 –قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 7 –ئاينىڭ 9 –كۈنىدىن 11 –كۈنىگىچە قەشقەردە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 20 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ياڭ جىڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئورۇننى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىپ، نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشقانلىقى ۋە جان پىدالىق بىلەن تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شىنجاڭغا ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى فاڭجېنىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

 يۈ جېڭشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پائال ئىزدىنىپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، يەنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئارقىلىق بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى چىڭىتىشتا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەشتە، ياردەم بېرىدىغان ۋە ياردەم بېرىلىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا، تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. بۇ تەجرىبىلەر ھەم ئىلگىرىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەكۈنلىگەنلىك، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ.

 يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرگە دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، چوڭقۇر قېزىشقا، سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ياخشى ئىشلىتىش ۋە ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئاساسنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 يىغىندا مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلدى.

 سۈن چۈنلەن، ياڭ جىڭ يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 يۈ جېڭشېڭ، سۈن چۈنلەن، ياڭ جىڭ قەشقەردىكى مەزگىلىدە يەنە شىنجاڭ ‹‹جىفا خۇاخې›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى، قەشقەر ‹‹جۇڭشىڭ›› پەلەي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹دۇڭچۇنشىڭ›› توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى، يەسلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەھەللىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش