首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-07-13 04:24:14 :ۋاقىت

 يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك

سۈن چۈنلەن، ياڭ جىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرگە دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، چوڭقۇر قېزىشقا، سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

 ئىيۇل ئېيىدىكى قەشقەر يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. يۈ جېڭشېڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ياڭ جىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا يېڭىسار ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 3 – شىسى 41 – تۈەنىگە بېرىپ، كارخانا، مەھەللە، يېزا، تۈەن – مەيدانلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

 ‹‹ياخشىمۇ سىز بوۋا!›› قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىنىڭ يۇقىرىقى قازئېرىق كەنتى ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىكى ناخشا ئېيتىۋاتقان بالىلار بىرلىكتە يۈ جېڭشېڭدىن ئەھۋال سورىدى. يۈ جېڭشېڭ بالىلار ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىدى. يۈ جېڭشېڭ بەش ياشلىق ناجىيەنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن ‹‹يەسلى ياخشىمىكەن؟››، ‹‹چۈشتە نېمە تاماق يېدىڭلار؟›› دەپ سورىدى، ناجىيە خەنزۇ تىلىدا راۋان ھالدا: مەن يەسلىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، چۈشتە پولۇ يېدۇق، دەپ جاۋاب بەردى. يۈ جېڭشېڭ بالىلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىنتايىن قىزىقىپ سورىدى ھەم ئۇلارغا ئوقۇش بۇيۇملىرى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، خۇشال – خۇراملىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەدەت بەردى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى بىلەن قاپلاش دائىرىسى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

 يۈ جېڭشېڭ قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ ئىتتىپاق مەھەللىسىدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، مەھەللىنى باشقۇرۇش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق، كۆپچىلىكنىڭ خەلقنى كۆزلەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئاھالىلەرنى ئەلا سۈپەتلىك قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يۈ جېڭشېڭ دەرەخ سايىسىدا سايىداپ ئولتۇرغان ئاھالىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ، بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ھال – ئەھۋال سورىدى. يۈ جېڭشېڭ ئارقىدىن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تۇراق سوپىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشتى. يۈ جېڭشېڭ ‹‹تۇرمۇش ئەھۋالىڭلار قانداقراق؟››، ‹‹قىيىنچىلىقىڭلار بارمۇ؟›› دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. تۇراق سوپى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە كۈنلىرىمىز ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. يۈ جېڭشېڭ تۇراق سوپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

 يۈ جېڭشېڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تۈمەنكۆل خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، پۈتۈن شەھەردىكى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تومۇز ئىسسىقتا بىرىنچى سەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ج خ خەلق ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىخەتەر، ئىناق ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 يۈ جېڭشېڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. يۈجېڭشېڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ كىيىم – كېچەك كەسىپلەر رايونى، بىڭتۈەن 3 – شىسى 41 – تۈەنى ‹‹دۇڭچۈنشىڭ›› توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسىپلەر رايونىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ‹‹جىفا خۇاخې›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى، قەشقەر ‹‹جۇڭشىڭ›› پەلەي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹دۇڭچۈنشىڭ›› توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شىنجاڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانا، بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا قۇدرەت تېپىشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

 يۈ جېڭشېڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئورۇننى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىپ، نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشقانلىقى ۋە جان پىدالىق بىلەن تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شىنجاڭغا ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى فاڭجېنىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

 يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پائال ئىزدىنىپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، يەنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئارقىلىق بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى چىڭىتىشتا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەشتە، ياردەم بېرىدىغان ۋە ياردەم بېرىلىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا، تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. بۇ تەجرىبىلەر ھەم ئىلگىرىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەكۈنلىگەنلىك، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ.

 يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرگە دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، چوڭقۇر قېزىشقا، سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ياخشى ئىشلىتىش ۋە ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئاساسنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جاڭ يىجيۇڭ، شى داگاڭ، لىن نيەنشيۇ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى ياكى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش