首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ سەككىز دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-07-13 16:31:46 :ۋاقىت

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا سەككىز دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

 ھۆرمەت قاراۋۇللىرى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكى سىرتىدىكى پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەر كەينى – كەينىدىن يېتىپ كېلىپ، پەلەمپەي بويلاپ ئۈستىگە چىقىپ، ‹‹بېيجىڭ›› زالىغا كىردى. ئەلچىلەر ‹‹بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى›› ئالدىدا رەت تەرتىپى بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت خېتى سۇندى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بۇ سەككىز باش ئەلچى: ئالبانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېروتتا، مېكسىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېرنارد، قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇشىنوف، بوتسىۋانانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پالېي، گانانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوئاتېڭ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برانستاد، فىرانسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېن مارىس رىپېرت، كوستارىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رودرىگېس.

 شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇلارغا ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالىمى ۋە گۈزەل تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ، دەپ كۆرسەتتى، ئەلچىلەرنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

 باش ئەلچىلەر ئۆز دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغانلىقى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. باش ئەلچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمىز، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشنى خالايمىز.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش