首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ كانادا باش ۋالىيسى جونستون بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-07-14 16:35:42 :ۋاقىت



شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13-ئىيۇل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 13- كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كانادا باش ۋالىيسى جونستون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كانادا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق مەنپەئەت ۋە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو- كانادا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو كانادا بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر قايسى قاتلام ۋە دەرىجىلىكلەر سۆھبەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيە ئارىسىدىكى ۋە ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ باشتىن- ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئۇزاق كەلگۈسى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كانادا يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىقتىساد- سودا، قانۇن ئىجرا قىلىش، پەن- تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە- ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى كېڭەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو كانادا بىلەن بولغان مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار، ساياھەت، قار- مۇز تەنھەرىكىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە- ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ب د ت نىڭ نوپۇزىنى بىرلىكتە قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرگە پائال تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

  جونستون مۇنداق دېدى: كانادا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئەل ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىمۇ كۈندىن- كۈنگە قويۇقلىشىۋاتىدۇ. كانادا جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، نامراتلىقنى ئازايتىش، مۇھىت ئاسراش، پەن- تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور ئۇتۇقلىرىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. كانادا جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا، پەن- تېخنىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە- ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جونستون بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش