首页 > شىنجاڭغا نەزەر

شوتا قەدىمىي يولى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-07-14 19:13:30 :ۋاقىت

شوتا قەدىمىي يولى موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرىدىن 63 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شوتا ئېغىزىدىن باشلىنىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز يېرى دېڭىز يۈزىدىن 6995 مېتىر ئېگىز. شوتا قەدىمىي يولى ئىلگىرى ئىلىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان بىردىنبىر يول بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ئەڭ خەتەرلىك يول بۆلىكى ھېسابلانغان.

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تاشيولىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ قەدىمىي يول ساياھەتچىلەر، فوتوگرافلار، ئارخېئولوگلار، ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى.

 شوتا قەدىمىي يولىدىن ماڭغاندا جىلغا، قارلىق چوققا، ئېقىن، مۇزلۇق، ئىپتىدائىي ئورمانلىق، ئادەمزاتسىز رايوندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. يىلبويى قار – مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان خانتەڭرى چوققىسى قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرىدۇ. تاغ باغرى ياپيېشىل بولۇپ، ناھايىتى جىمجىت . ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان قارىغايلار ۋە ئورمان ئىچىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ. شارقىراتمىلاردىن چۈشكەن سۇلار تاشلارغا ئۇرۇلۇپ مۇئەللەقتە ئۇچۇۋاتقاندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. جىلغىدىكى ئېقىن سۇلار تۆۋەنگە ئېقىپ بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ، مارجاندەك چاچراپ، كىشىگە سېھىرلىك بىر جايغا كېلىپ قالغاندەك ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

 يىراقتىكى ياپيېشىل تاغلار بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قارلىق چوققىلار خۇددى دېڭىزدا لەيلەپ تۇرغان غايەت زور يەلكەنگە ئوخشاش كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. بۈركۈت ۋە شۇڭقارلار كۆكتە لەرزان پەرۋاز قىلىپ، بۇ مۇقەددەس زېمىننى قوغداۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.

 شوتا قەدىمىي يولىنى بويلاپ ئىچكىرىلەپ ماڭغاندا شوتا ئارىشىڭىغا بارغىلى بولىدۇ. ئارىشاڭ ئالتۇنبۇلاق تېغىنىڭ باغرىدا بولۇپ، سۈيى تاغ تېگىدىن شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدۇ. ھەريىلى ئىيۇندىن سېنتەبىرگىچە ئارىشاڭ سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن 60 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ، ئارىشاڭ سۈيىدە مىنېرال ماددىلار كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن كېسەلگە شىپا قىلىدۇ.

 شوتا يولىدىكى جىلغا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇزلۇق جىلغىلارنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمكى مۇزلۇقنىڭ ئىزنالىرىنى ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. شوتا جىلغىسى ئادەم ئايىغى باسمايدىغان جاي بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ 1000يىللىق تەبىئىي ھالىتى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان.

 شوتا يولىدا ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك بايلىقلار بولۇپ، مۇكەممەل ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بار. بۇ يەر ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ياۋايى جانلىقلار ‹‹تەبىئىي گېن ئامبىرى›› دەپمۇ ئاتالغان. بۇ يەردە تىيىن، سۇغۇر، ئالتاي ئاق توشقىنى، ئۇلار قاتارلىق جانلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى ۋە ئارقار قاتارلىق قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانى ھېسابلىنىدۇ.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش