首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

G7 بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-07-17 06:08:43 :ۋاقىت

شىنجاڭغا كىرىپ – چىقىشتىكى بۇ ئىككىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقىنى 1300 كىلومېتىر قىسقارتتى

  7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، رەت – رەت يۈك ئاپتوموبىللىرى قومۇل شەھىرىنىڭ تۆگە قوتىنى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆچرەت بىلەن ئۆتتى، شۇ كۈنى G7 بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەرقتە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن تۇتىشىدىغان ئىككىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى G30 دۆلەت يولى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى 1300 كىلومېتىر قىسقاردى.

 G7 بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بېيجىڭدىن باشلىنىپ، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 2768 كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى باياننۇر شەھىرى ۋە ئالشا ئايمىقى تەۋەسىدىكى لىنخېدىن بەيگېداغىچە بولغان 930 كىلومېتىر بۆلەك ئېلىمىزدىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى ھېسابلىنىدۇ. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرى سۇبېي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بەيگېدا – مىڭشۈي بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 134 كىلومېتىر؛ شىنجاڭنىڭ قومۇل شەھىرى تەۋەسىدىكى مىڭشۈي – قومۇل بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 178 كىلومېتىر.

 بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى مىڭشۈي – قومۇل بۆلىكىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى شىنجاڭ بىلەن گەنسۇ چېگراسىدىكى مىڭشۈي ئەتراپىدا، بۇ بۆلەك بەيشەنچۈەن، قوشقۇدۇق يېزىسى، ۋۇتۇڭ داچۈەن، جىنخۇاڭ تاشيولى، يازىچۈەندىن ئۆتۈپ، قومۇل شەھىرىنىڭ تۆگە قوتىنى بازىرىدا ئاياغلىشىپ، G30 لىنىيەسىدىكى ليەنيۈنگاڭ – قورغاس دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا ئۇلىنىدۇ. بۇ يول ئاساسەن شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر.

 ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر زۇلپىيە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىدىكى پايتەختتىن باشلانغان ئەڭ شىمالدىكى قاتناش غول لىنىيەسى، بۇ لىنىيە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمال رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغىچە تۇتىشىدىغان تاشيول تىرانسپورتى يولى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ مىڭشۈي – قومۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭنىڭ غول تاشيول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايون تاشيول تورى بەرپا قىلىش رولىنى ئۆتەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىن شىنجاڭغا كىرىدىغان ئەڭ تېز يولنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ قورغاس پورتى بىلەن تيەنجىن پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان شىمالىي رايوندىكى ئەڭ تېز يولنى ئاچتى، بۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش