首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بۇ يىل 109 كىچىك كۆمۈر كاننى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-07-17 06:20:20 :ۋاقىت

 شىنجاڭ كۆمۈر سانائىتى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغان 109 كىچىك كۆمۈر كاننى شاللايدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كېرەكلىك كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، 21 كۆمۈر كاننىڭ ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشىنى تەستىقلاپ، كۆمۈرلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا جىددىي يۆتكەپ، كۆمۈر قىس رايونلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەپ، پولات-تۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى ئۆرلەش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كوكس كۆمۈرى بىلەن تەمىنلەش قىس بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ.

 مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆمۈر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ۋە كان قۇدۇقى دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ سانى «12-بەش يىل» لىق پىلان مەزگىلىدىكى 350تىن 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى 270كە كېمەيتىلگەن، بىراق، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر سانائىتىدە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت يەنىلا گەۋدىلىك بولغان. 270 كۆمۈر كان ئىچىدە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ توننا ۋە ئۇنىڭدىن ئاشىدىغان كۆمۈر كاندىن 70ى بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 75 مىليون 520 مىڭ توننا؛ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ توننا ۋە ئۇنىڭغا يەتمەيدىغان كۆمۈر كاندىن 200ى بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 18 مىليون 480 مىڭ توننا بولغان، كىچىك كۆمۈر كانلارنىڭ سانى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆمۈر كان ئومۇمىي سانىدا %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

 شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى كۆمۈر بايلىقى مول رايون بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر زاپىسى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننىغا يېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى شەرقىي جۇڭغار، قومۇل، ئىلى قاتارلىق كۆمۈر بازىلىرىغا ئورۇنلىشىپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چوڭ تۈرلىرىنى قۇرۇپ، كۆمۈر سانائىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 68 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 122 مىڭ 700 توننا ئاشتى، ئېشىش نىسبىتى % 7.28 بولدى.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش