首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر چيۇ يۈەنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-07-17 06:28:23 :ۋاقىت

شىنجاڭنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چيۇ يۈەنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار ئىشلىرى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئاچىدۇ. چيۇ يۈەنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەخسۇس بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

 شۆھرەت زاكىر گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مۇھاجىرلار ئىشلىرى سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم شىنجاڭنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزدىكى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىنى دۆلەت قاتلىمىدىن زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەچكە، شىنجاڭنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىدە ياخشى ئىلگىرىلەش بولدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزدە تۇتۇپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىشلىق مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى. گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ئىزچىل قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 چيۇ يۈەنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىن چەت ئەللەردىكى مۇھاجىرلار بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتە چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا چېتىشلىق مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتى ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايون بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەن تيەنشىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش