首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

2017–يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى باشلاندى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-07-18 13:20:15 :ۋاقىت

 ‹‹ئات ۋە دۇنيا›› باش تېما قىلىنغان 2017 – يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت رايونىدا داغدۇغىلىق باشلاندى.

 باشلىنىش مۇراسىمىدا كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ‹‹تۈمەنلىگەن ئات بەيگىگە چۈشۈش›› ناملىق ئويۇن ئوينالدى، چوڭ تىپتىكى ‹‹ئات ۋە دۇنيا›› تېمىسىدىكى كۆپ مەنبەلىك مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى ئويۇنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى، قايناق ھېسسىياتقا تولغان چوڭ تىپتىكى يايلاق مەدەنىيەت – سەنئەت ئويۇنى ۋە چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

 بۇ قېتىمقى ساياھەت بايرىمى مۇسابىقە پائالىيىتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئالاقە ئالماشتۇرۇشى، مەدەنىيەت، ئىقتىساد – سودا، ئومۇمىي خەلق ئىشتىراك قىلىش، تۇلپار مەدەنىيەت رايونى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىشتىن ئىبارەت يەتتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە 2017 – يىللىق مەملىكەتلىك چەۋەندازلىق چىدام سەييارە مۇسابىقىسى (موڭغۇلكۈرە بېكىتى)، جۇڭگو بەيگە مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى(موڭغۇلكۈرە بېكىتى)، يىپەك يولى لوڭقىسى بەيگە مۇسابىقىسى، 2017 – يىللىق ‹‹تەڭرىتاغ ئاتچىلىق ھەققىدە مۇھاكىمە›› باشلىقلار مۇنبىرى ھەم جۇڭگو تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو – ئاسىيا ئاتچىلىق مۇنبىرى›› ۋە ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك يەرمەنكىسى قاتارلىق 25 يۈرۈش پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش