首页 > خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتا سۆزلەنگەن سۆز

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-07-31 16:14:44 :ۋاقىت

(2017–يىل 7–ئاينىڭ 30–كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار:

بۈگۈن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەردە تەنتەنىلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.

90 يىل ئىلگىرى، نەنچاڭ شەھىرىدە تۇنجى ئوق ئاۋازى ياڭراپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغانىدى.

90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەن تۇپرىقىنى كېزىپ، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، بارلىق دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، بېيىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى!

تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئارمىيەمىز پارتىيە قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان قەھرىمان قوشۇن، ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان قەھرىمان قوشۇن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمان قوشۇن بولۇشقا مۇناسىپ. پارتىيەمىز مۇشۇنداق قەھرىمان قوشۇنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ! پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مۇشۇنداق قەھرىمان قوشۇنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ!

تىنچ – ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك خەلقنىڭ بەختى، تىنچلىقنى قوغداش خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەجبۇرىيىتى. دۇنيا تىنچ ئەمەس، تىنچلىق قوغداشقا موھتاج. بۈگۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك خەلق ئارمىيەسىگە موھتاجمىز. پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى قۇدرەتلىك قوشۇن قۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قەھرىمان خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر! سىلەر پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە قەيەرگە باشلىسا، شۇ يەرگە بېرىشىڭلار كېرەك.

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر! سىلەر جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خەلقنى ھەر ۋاقىت قەلبىڭلەرگە پۈكۈپ، مەڭگۈ خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكىرى بولۇشۇڭلار كېرەك.

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر! سىلەر جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ۋە جەڭ قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگە ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان كۈچلۈك، سەرخىل قوشۇن يارىتىشىڭلار كېرەك.

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر! سىلەر سىياسىيدا كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىڭلار كېرەك.

شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، قەھرىمان قوشۇنىمىزنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئىشەنچى ھەم ئىقتىدارى بار! قەھرىمان قوشۇنىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتى، مەنپەئىتىنى قوغداش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار! قەھرىمان قوشۇنىمىزنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش، ئىككى ‹‹100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار!


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش