首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-08-01 11:49:31 :ۋاقىت

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى زىياپەتكە قاتناشتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى خەلق سارىيىدا كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈجېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەتكە قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىغا رەڭگارەڭ پانۇسلار ئېسىلغان بولۇپ، بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ مەركىزىگە ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بەلگىسى ئېسىلغان، ئىككى تەرەپكە قىپقىزىل ئون بايراق قاتار تىزىلغانىدى. ‹‹1927 – 2017›› دېگەن رەقەملەر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 90 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. سائەت 18دە، شادىيانە ‹‹قارشى ئېلىش مۇزىكىسى›› ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىرىپ، 1800دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

زىياپەت باشلانغاندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن قەدەھ سۆزى قىلدى. ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىيدىن چېكىنگەن يولداشلار، ئىنقىلابتا يارىلىنىپ مېيىپ بولغان ھەربىيلەر شۇنداقلا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى››غا ئېرىشكەن يولداشلار، قىسىمدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان نەمۇنىچى كادىرلار ۋەكىللىرىگە يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈردى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنى قوللىغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زىياپەتكە قاتناشقان جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ھەم باشقا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بەرپا قىلغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان خەلق قوشۇنى جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. 90 يىلدىن بۇيان، خەلق قوشۇنىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر قوشۇن، ئادالەتپەرۋەر قوشۇن، جەڭگىۋار قوشۇنلۇق ئوبرازى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.

چاڭ ۋەنچۈەن مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتكۈل ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى قەتئىي ئادا قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

زىياپەتتە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى››غا ئېرىشكۈچىلەر، ئارمىيەدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرىگە قەدەھ تۇتۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە، دۆلەت ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا ئىلگىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتناشتى.

يەنە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرى ھەم ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلىرى شۇنداقلا قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى مەسئۇل يولداشلار؛ ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى››غا ئېرىشكۈچىلەر، پېشقەدەم جەڭچىلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، پېشقەدەم خەلق ئەسكەرلىرى ۋە ئارمىيەدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلار، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى، مەملىكەتلىك ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان نەمۇنىچى كادىرلار ۋەكىللىرى ھەم چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى قاتارلىق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىر مېھمانلارمۇ زىياپەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش