首页 > خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-08-04 10:59:25 :ۋاقىت

(2017- يىل 8- ئاينىڭ 1-كۈنى )

شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:

بىز بۈگۈن بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەۋاتىمىز، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر تاشلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ھەيۋەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز.

يولداشلار، دوستلار!

90 يىل ئىلگىرى، دۆلىتىمىز يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتتە تۇرۇۋاتاتتى، جۇڭخۇا مىللىتى نامرات ھەم ئاجىز، ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى پاراكەندىچىلىكنىڭ چوڭقۇر ئازابىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ئاچ - يالىڭاچلىقتا قېلىپ، كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئېچىنىشلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى. مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنى ئازاد قىلىش، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باش ئەگمەي، ئىنتايىن جاپالىق كۈرەش قىلدى.

لېكىن بۈيۈك ئىنقىلاب ئەۋجىگە چىققاندا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئىنقىلابقا، خەلققە ئاسىيلىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ئىنقىلابىي ئاممىغا قانلىق تىغ كۆتەردى. بىپايان جۇڭگو زېمىنىنى قانلىق بوران - چاپقۇن قاپلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىلتىزىدىن يوقىلىپ كېتىدىغان ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابى ھايات - ماماتلىق پەيتكە دۇچ كەلدى. كەسكىن كۈرەش ۋە قانلىق ساۋاقلاردىن، پارتىيەمىز ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچ بولمىسا، قوراللىق ئەكسىلئىنقىلابچىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالمايدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

1927 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەنچاڭدا تۇنجى پاي ئوقنىڭ ئېتىلىشى بىلەن، پارتىيەمىزنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىش، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىش، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىش.

نەنچاڭدا ياڭرىغان ئوق ئاۋازى خۇددى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتقان چاقماقتەك جۇڭگو خەلقىگە قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئىنقىلابنىڭ ئۈمىدىنى، شۇنداقلا قىيىن ئەھۋالدا جاسارەت بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىققان بىر كۈچنى كۆرسەتتى. نەنچاڭ قوزغىلىڭى ۋە كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭى ھەم باشقا نۇرغۇن جايدىكى قوراللىق قوزغىلاڭلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇشقا مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن بولۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

شۇ چاغدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى، بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تارىخ ئېقىمىغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن.

90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى نۇرغۇن جەڭ قىلىپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، غايەت زور قۇربانلىق بېرىپ، ئارقا - ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە ياراتتى.

− بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەر شۇكى، باتۇر خەلق ئارمىيەسى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى 22 يىللىق قوراللىق ئىنقىلابىي كۈرەش جەريانىدا، ھەممىلا جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان قەھرىمانلىق روھى، ئېگىلمەيدىغان - سۇنمايدىغان ئىنقىلابىي جاسارىتى، جانلىق - ھەرىكەتچان ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسى، باتۇر، قەيسەر جەڭگىۋار ئىستىلى بىلەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئىچكى - تاشقى ئەشەددىي دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنى بېسىپ تۇرغان ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە خەلق ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولغان يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى يېقىنقى زاماندىن بۇيان قالاق، بوزەك بولغان پاسسىپ ھالەتنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى.

− بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەر شۇكى، باتۇر خەلق ئارمىيەسى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشقا پائال ئاتلىنىپ، ۋەتەننى قوغداش ۋە خەلقنىڭ تىنچ ئەمگەك قىلىشىنى قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلدى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى ۋە چېگرادا كۆپ قېتىم ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى غەلىبىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزۇن چېگراسى ھەم كەڭ دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداپ، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن خەلق ھۆكۈمىتىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

− بۇ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەر شۇكى، باتۇر خەلق ئارمىيەسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابقا پائال ئاتلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك تەھدىتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تاشقى ھەربىي ئالاقە، ھەمكارلىق ۋە ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنى قۇدرەتلىك كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، جەڭلەر داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرۇلۇش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەيۋە كۆرسىتىش ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. خەلق ئارمىيەسى ئىلگىرىكى بىرلا خىل ئارمىيە تۈرىدىن كۆپ خىل ئارمىيە، قىسىم تۈرى بىرلەشكەن قۇدرەتلىك ئارمىيەگە، ئىلگىرىكى «سۆك ۋە مىلتىق» بىلەن قوراللانغان ئارمىيەدىن ماشىنىلىشىشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرلىشىشقا تېز يۈرۈش قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك ئارمىيەگە تەرەققىي قىلدى.

يولداشلار، دوستلار!

90 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتنى يېڭىش داۋامىدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، مىسلىسىز تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ غەلىبىسى، جۇڭگو خەلقى بوشاشماي قىلغان كۈرەشنىڭ غەلىبىسى، شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسى باتۇرلۇق بىلەن قىلغان جەڭنىڭ غەلىبىسى.

بۇ شەرەپلىك ھەم تەنتەنىلىك پەيتتە، بىز خەلق ئارمىيەسىنى قۇرغان ۋە يېتىشتۈرگەن يولداش ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ ۋە يولداش پېڭ دېخۇەي، ليۇ بوچېڭ، خې لۇڭ، چېن يى، لو رۇڭخۇەن، شۈ شياڭچيەن، نيې رۇڭجېن، يې جيەنيىڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ خاتىرىلىنىدۇ.

بۇ شەرەپلىك ھەم تەنتەنىلىك پەيتتە، بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتكەن خەلق ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ قۇربان بېرىپ، ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

بۇ يەردە مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ۋەتەننى قوغداش، ۋەتەننى قۇرۇشنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن! جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلاردىن، ھەرقايسى مەزگىللەردە خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇپ ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلار، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، ئىنقىلابىي مەجرۇھ ھەربىيلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن! دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى سېپىدە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئالىملار، قۇرۇلۇش تېخنولوگىيە خادىملىرى ۋە كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! ئۇزاقتىن بۇيان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

يولداشلار، دوستلار!

90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيە بايرىقى ئاستىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئارمىيەنى قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈردى، خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۆزىگە خاس شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىشتۈردى. بۇ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىشىدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرى، خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ ئۇنتۇسا بولمايدىغان قىزىل جان تومۇرى.

− خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى: «بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش بولۇپ، مىلتىقنىڭ پارتىيەگە قوماندانلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمى نەنچاڭ قوزغىلىڭىدا ئورنىتىلىشقا باشلىغان، سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتە ئاساس سېلىنغان، گۇتيەن يىغىنىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇ خەلق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كونا ئارمىيەلەردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىپ تۇرىدىغان سىياسىي ئالاھىدىلىكى ۋە تۈپ ئەۋزەللىكى. سانسىزلىغان ئىنقىلابىي كوماندىر - جەڭچى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئوڭۇشسىزلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتلەر ئىچىدە جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، تارمار قىلغىلى، يوقاتقىلى ۋە يەڭگىلى بولمايدىغان پولاتتەك غالىب قوشۇن قۇرۇپ چىقتى. جاپا - مۇشەققەتلىك ئۇزاق ئىنقىلاب يولىدا، ئارمىيەمىزنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى «پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلا بولساق، چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز» دېگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ تەكىتلىگەن. ساداقەتمەنلىك خەلق ئارمىيەسىدە پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقنى، خەلق ئارمىيەسى بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلىدىغان قەتئىي ئىرادىنى يېتىلدۈردى.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيەنىڭ مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۇ، پارتىيەمىز ھايات - ماماتلىق كۈرەشتە يەكۈنلەپ چىققان سۇنماس ھەقىقەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، خەلق ئارمىيەسى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يۆنىلىش ۋە كۈچكە ئىگە بولدى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بۇنى خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان ئارمىيە روھى ۋە مەڭگۈ تاشلاشقا بولمايدىغان جان تومۇرى قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشى كېرەك.

− خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىپ، غايە - ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى. ئالىيجاناب غايە، مۇستەھكەم ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي جېنى، خەلق ئارمىيەسنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «بىز ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەتنى يېڭىپ، ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق؟ چۈنكى بىزدە غايە، ماركسىزملىق ئېتىقاد ۋە كوممۇنىزملىق ئېتىقاد بار». مىسلىسىز مۇشەققەتلىك جىڭگاڭشەن كۈرىشىدىن مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەرگىچە، ئىس - تۈتەككە تولغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئازادلىق ئۇرۇشىغىچە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداشتەك قەھرىمانلىق كۈرىشىدىن خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، خەلقنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشقىچە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىنى قوللاشتىن ئىبارەت خالىس تۆھپە قوشۇشتىن رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتەك ئەمەلىي ھەرىكەتكىچە، ئالىيجاناب غايە، ئېتىقاد خۇددى ماياكتەك خەلق ئارمىيەسىگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىنقىلاب غايىسى ھەممىدىن ئۈستۈن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قازىنىپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى ئاچقۇچ شۇكى − خەلق ئارمىيەسى ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، ئالىيجاناب غايە - ئېتىقاد ۋە غايە - ئېتىقاد ئۈچۈن قەھرىمانلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك يۈكسەك ئارزۇ - ئۈمىدكە ئىگە بولغان. ئالىيجاناب غايە - ئېتىقاد خەلق ئارمىيەسىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر ئارىسىدا لاۋىلداپ يېنىۋاتقان مەشئەل. خەلق ئارمىيەسى ئىلگىرىلەش يولىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالىيجاناب غايە - ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقاچان، ھەر زامان ئالىيجاناب غايە - ئېتىقاد ئۈچۈن، جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

− خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى. خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىيات تارىخى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تارىخى. يەر ئىنقىلابىي ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بىر يۈرۈش ئارمىيە قۇرۇش پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمى ئورنىتىلدى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، قوشۇنلار سەرخىللاشتۇرۇلدى، مەمۇرىي ئورۇنلار ئىخچاملاندى، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بەش چوڭ دالا ئارمىيەسى تەشكىللەندى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم تۈزۈلمە، ئىشتات تەڭشەلدى، خەلق ئارمىيەسى بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئىسلاھ قىلدى، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىلىپ، ئۆزگەرتىلگەنسېرى شۇنچە كۈچەيتىلدى. قىزىل ئارمىيە دەۋرىدىكى «16 خەتلىك تاكتىكا»دىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى «ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش»قىچە، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدىن «ئون چوڭ ھەربىي پىرىنسىپ»قىچە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش مەزگىلىدىكى «ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، كىچىك يوقىتىش جېڭى قىلىش»تىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھەربىي ئىشلارغا دائىر ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئۈزلۈكسىز تەڭشەشكىچە، خەلق ئارمىيەسى ئۇرۇش جەريانىدا ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەندى، ئەمەلىيەت جەريانىدا قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيانىڭ ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ئۇرۇشنىڭ يېتەكچى ماھارىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەسىرلىك سەھىپىسىنى ئاچتى.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىنىڭ داغدام يولى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ كۈچى ۋە غەلىبىسى ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشتىن كەلگەن. ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق ياراتقاندىلا، تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەشنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز تولۇپ، يېڭىلمەس ئورۇندا مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ. خەلق ئارمىيەسى ئىلگىرىلەش يولىدا جەزمەن دادىل ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەڭگۈ قاتماللاشماسلىقى، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك.

− خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىپ، جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى. باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ ۋە غەلىبە قىلىپ، جاپادىن ۋە ئۆلۈمدىن قورقماسلىق خەلق ئارمىيەسىنىڭ جىگەرلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. «لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان»، «نەيزىۋازلىق جېڭىدىكى قەھرىمان ليەن»، «ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى»، دۇڭ سۈنرۈي، چيۇ شاۋيۈن، خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىق سانسىزلىغان قەھرىمان ۋە ئىنقلاب پېشۋالىرى ھاياتى بىلەن توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىگەن قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايان قىلدى. ئوق يامغۇردەك يېغىۋاتقان جەڭگاھتا خورىكى ئۆسۈپ كەتكەن كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا، خەلق ئارمىيەسى «ئۈچكە ئىشەنمەسلىك»تەك قەھرىمانلىق خىتابنامىسىنى جاكارلىدى: ئىنقىلابىي جەڭچىلەر ئالدىدا، ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە، يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇپ قىلالمايدىغان دۈشمەننىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمىز! باتۇرانە ھالدا ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قانلىق كۈرەشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان خەلق ئارمىيەسى قورقماس جاسارىتى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىشەنچى، خەلقنىڭ مەدھىيەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئۇرۇش ماددىي جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىش ئەمەس، شۇنداقلا مەنىۋى جەھەتتىكى بەسلىشىشمۇ ئەمەس. قەيسەر ئىرادە، دادىللىق بىلەن قۇربان بېرىشتەك پەزىلەت بولمىسا، قالتىس ياخشى قورال - ياراغلار بىلەنمۇ غەلىبىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەر ئۆلۈمدىن قورقماسلىقتەك جەسۇرلۇقىغا تايىنىپ، بارچە دۈشمەننى يېڭىپ، قىلچە تىز پۈكمەيدىغان ئۇلۇغ جاسارەتنى شەكىللەندۈردى. خەلق ئارمىيەسى ئىلگىرىلەش يولىدا جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھىي پەزىلىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەرقاچان، ھەر زامان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىقنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىشى كېرەك.

− خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىپ، ئىنقىلابىي ئىنتىزامنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى. خەلق ئارمىيەسى ئىنتىزامى چىڭ بولۇش بىلەن نامى جاھانغا تارقالغان بولۇپ، قۇرۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن، ئىنقىلابقا بولغان قەتئىيلىكى، سىياسىي جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقى، ئىنتىزامىنىڭ چىڭلىقىنى بىرلەشتۈردى، ئىرادىسى، قوماندانلىقى، ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈردى، قۇدرەتلىك قوشۇن قىل دېگەننى قىلىپ، قىلما دېگەننى قىلماي، زەربىدارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى مەھكەم ساقلىدى.

يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ئاساسىغا ئورنىتىلغان ئىنقىلابىي ئىنتىزام بولغانلىقتىن، قوماندان ۋە جەڭچىلەر ئاچ قالغان، سوغۇقتا توڭلىغاندىمۇ، ئاممىنىڭ يىڭنىچىلىك نەرسىسىنى ئالمىدى؛ ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ، قۇربانلىق بېرىپ، قەتئىي تەۋرىنىپ قالمىدى؛ مۈشكۈلچىلىككە پېتىپ قالسىمۇ، ئىستىھكامنى مەھكەم ساقلاپ، مەردلەرچە قۇربان بولدى. خەلق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن جەڭگىۋار قوشۇننى، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ كەلدى.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتكەندىلا ئىنقىلابتا جەزمەن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. قوشۇننىڭ كۈچى ئادەم سانىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ قورال - ياراغ، جابدۇقلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىنتىزامىغا باغلىق. ئىنتىزامچان بولمىغان قوشۇن بىر توپ قاغا - قۇزغۇنلاردۇر. خەلق ئارمىيەسى ئىلگىرىلەش يولىدا پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پولاتتەك ئىرادىنى مۇجەسسەملەپ، پولاتتەك ئىستىلنى يېتىلدۈرۈپ، پولاتتەك قوشۇن قۇرۇپ، ھەر قاچان، ھەر زامان بارلىق ھەرىكەتتە قوماندانلىققا بويسۇنۇشى، ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشى كېرەك.

− خەلق ئارمىيەسى غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈرۈش قىلىپ، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى. خەلق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، تەلتۆكۈس خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، قەيەردە دۈشمەن ۋە خەتەر بولسا، شۇ يەردە خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بار بولدى. كىمكى خەلقنى كۆڭلىگە پۈكىدىكەن، خەلق شۇنىڭغا مايىل بولىدۇ. «ئاخىرقى بىر قاچا تاماقنى سۇندۇق جەڭچىلەرگە، ئاخىرقى بىر پارچە رەختتىن تىكتۇق فورما، ئاخىرقى يوتقاننى ياپتۇق نوسۇلكىغا، ئۇزاتتۇق قېرىنداشلارنى جەڭگاھقا». بۇ ئۇرۇش يىللىرىدا كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن خەلق قوشىقى دەل ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئەل قەلبى، ئەلرايى مايىل بولسا، خەلقنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەنسە، خەلق ئارمىيەسى ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلىپ، دۇنيادا تەڭداشسىز كۈچكە ئايلىنالايدۇ. باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، خەلقنىڭ سەمىمىي ھىمايىسىگە ئېرىشكەندىلا، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پولات ئىستىھكام بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. خەلق ئارمىيەسى ئىلگىرىلەش يولىدا خەلق ئۈچۈن جان - دىل بىلەن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەرقاچان، ھەرزامان خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى بولۇشى كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى ئىسسىق قان ۋە ھايات بەدىلىگە پۈتۈلگەن، شۇڭا بىزنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى جاپالىق ئىزدىنىش بەدىلىگە كەلگەن بولۇپ، بىزنىڭ مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا سادىقلىق ۋە دادىللىق تۈرتكە بولغان، ئۇ مەڭگۈ بىزنى ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىي ئىشلارغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى تۈزۈپ چىقتۇق. بىز گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇردۇق. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي كومىتېت تەدبىر بەلگىلەشكە، ئۇرۇش رايونى جەڭگە قوماندانلىق قىلىشقا، ئارمىيە تۈرلىرى قىسىم تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا تەشكىللەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنىڭ تارىخىي باسقۇچلۇق قەدىمىنى بېسىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى، قۇرۇلمىسى، ئەندىزىسى، قىياپىتىنى يېڭىلىدۇق. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، مەشىق قىلىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تېررىتورىيە ھوقۇقى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەت نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش، سىستېما قۇرۇلۇشى، تۈجۈپىلەنگەن يۇقىرى ئۈنۈم، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق خەلق ئارمىيەسى سىياسىي ئېكولوگىيەنى قايتا بەرپا قىلىش، تەشكىلىي شەكىل، كۈچ سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەش، ئىستىل، ئوبرازىنى قايتا يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، خەلق ئارمىيەسى قايتا رەتكە سېلىنىپ، پۇختا تەييارلىق بىلەن يولغا چىقىپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.

يولداشلار، دوستلار!

تارىخ چاقى توختاۋسىز ئىلگىرىلىمەكتە. بۈگۈنكى دۇنيادا، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە؛ بۈگۈنكى جۇڭگودا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرگە دۇچ كېلىمىز، شۇڭا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز، مىسلىسىز ئىشەنچكە تولۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئەزەلدىن ئەگرى - توقاي بولۇپ كەلگەن، بۇ يولدا چوقۇم تۈرلۈك چوڭ سىناقلارغا، چوڭ خەۋپ - خەتەرلەرگە، چوڭ توسالغۇلارغا، چوڭ زىددىيەتلەرگە يولۇقىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

بىز يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، جۇڭخۇا مىللىتى جاپا - مۇشەققەتتىن قۇتۇلۇشتا، جۇڭگو خەلقى ئازادلىققا ئېرىشىشتە قەھرىمان خەلق ئارمىيەسىگە تايانغان؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن خەلق ئارمىيەسىنى چوقۇم دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

− ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشۇشچانلىقىنى، مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىنى، جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جېنى. دەۋر مەيلى قانداق تەرەققىي قىلسۇن، ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن، بىزنىڭ ئارمىيەمىز مەڭگۈ پارتىيەنىڭ، خەلقنىڭ ئارمىيەسى. پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك. بۇ زور پىرىنسىپ مەسىلىسىدە كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق، ھەرىكىتىمىزنى قەتئىي قىلىپ، ھەرگىز تەۋرەنمەسلىكىمىز، ئىككىلەنمەسلىكىمىز، بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

− ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، چوقۇم پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركسىزملىق ھەربىي نەزەرىيەنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك. خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىشىدىكى مۇھىم ھالقا شۇكى، خەلق ئارمىيەسى ئىلغار ھەربىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەمىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. پۈتۈن ئارمىيە پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن كوماندىر - جەڭچىلەرنى قوراللاندۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتلارنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ، ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كۈچلۈك ئىجادىيلىققا ئىگە ئىش، بىز يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، يېڭى رىقابەتلەرگە يۈزلىنىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يۈرەكلىك ئىزدىنىپ، نەزەرىيەدە باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ماركسىزملىق ھەربىي نەزەرىيەنىڭ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى تېخىمۇ چاقناتقۇزۇشىمىز كېرەك.

− ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دىققىتىمىزنى باشتىن - ئاخىر جەڭ ھازىرلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. تىنچ شارائىتتا خەتەرنى، خاتىرجەم شارائىتتا قالايمىقانچىلىق چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش، خەۋپسىزلىكنى قوغداش، ھەيۋە بىلەن ئۇرۇشنى توسۇش ۋاسىتىمىز ۋە تاللىشىمىز كۆپ خىل بولسىمۇ، لېكىن ھەربىي ۋاسىتە يەنىلا ئەڭ تۆۋەن چەكنى ساقلاش ۋاسىتىسى. خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ جەڭگىۋار ئەترەت، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەكتە تەپەككۇر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئوي - پىكىرنى جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جەڭ قىلىشقا كۈچەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا كارغا كېلىدىغان، غەلىبە قىلىدىغان، ھەممىنى يېڭىدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى، جەڭنى، جەڭ قىلىشنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى، ھازىرقى زاماندىكى جەڭلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ۋە جەڭگە قوماندانلىق قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشى، ھەربىي كۈرەشكە تەييارلىق قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك. جەڭنى قانداق قىلماقچى بولسا ئەسكەرنى شۇ بويىچە تەربىيەلەپ، جەڭ قىلىش نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇ بويىچە جاپالىق مەشىق قىلىپ، قايسى مەسىلە كۆرۈنەرلىك بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ ئەمەلىي جەڭ قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، بىز تاجاۋۇزچىلىق قىلمايمىز، كېڭەيمىچىلىك قىلمايمىز، لېكىن بىزنىڭ بارلىق تاجاۋۇزچىلارنى يېڭىش ئىشەنچىمىز بار. بىز ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگونىڭ ھەرقانداق بىر پارچە يېرىنى ۋەتەن زېمىنىدىن ئايرىۋېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز، بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرگە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايمىز. خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى قەتئىي قوغدىشى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشى، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

− ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ چىقىش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. گۇتيەندە ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي روھقا، ئىقتىدارغا ئىگە، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈپ، پولاتتەك قاتتىق ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، قاتتىق مەسئۇلىيەت، قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قىسىمنى تاۋلاپ چىقىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرلاشقان شارائىتتىكى جەڭلەردە غەلىبە قىلالايدىغان، بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلالايدىغان جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ھەربىي ئىشلار پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى ساھەلىرىگە نەزەر سېلىپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلان تۈزۈشنى، لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىلغار، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپ جەھەتتىن ئۆزگىرىشىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

− ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، چوقۇم ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئۇزاق مۇددەت ئىزدەنگەنلىكىنىڭ زور نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىك ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان زور قارار، مۇرەككەپ خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى زور تەدبىردۇر. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئېھتىياجنى بىرىكتۈرۈش، ئاشۇرۇلما مىقدار بىلەن ساقلانما مىقدارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم ئىسلاھاتى، سىستېما ۋە ئامىللارنى بىرىكتۈرۈشنى، تۈزۈم ۋە ئۆلچەم قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ماس، تەكشى تەرەققىي قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىشى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئەسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى قىزغىن قوللاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ياخشى شارائىت ۋە كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

− ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، چوقۇم جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئومۇمىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل خەلق ئىشىنىدىغان، خەلق ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قىزغىن سۆيىدىغان پەرزەنت ئەسكەرلەردىن بولۇشى كېرەك. ئارمىيەنىڭ غەلىبىلىك جەڭ قىلىشىدا خەلق ئارقا تىرەك. خەلق ئارمىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر تارالغان؛ خەلق ئۇرۇشىنىڭ زور كۈچى خەلقنىڭ زور كۈچىدىن كەلگەن. پۈتۈن ئارمىيە خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن مىلتىق كۆتۈرۈش، خەلق ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ئەمگەك قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مەڭگۈ قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئېغىر، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى پارتىيەمىزنىڭ، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇلتاشتەك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى. جۇڭگو ئارمىيەسى دۇنيا تىنچلىقىنى باشتىن - ئاخىر قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچ. جۇڭگو ئارمىيەسى خەلقئارا ھەربىي ئىشلاردىكى ئالاقە - ھەمكارلىقنى ئاۋالقىدەكلا قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا مۇناسىپ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئاكتىپ ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشىدۇ.

يولداشلار، دوستلار!

بۇ جاپالىق ئىزدەنگەن 90 يىل، بوشاشماي كۈرەش قىلغان 90 يىل. بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئۇلۇغۋار بولۇپ، ۋەزىپىمىز ئېغىر، تەرەققىيات ئىستىقبالىمىز چەكسىز پارلاق. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق چوقۇم بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشى، تارىخ ۋە دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك!

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش