首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-08-08 12:31:51 :ۋاقىت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى:

بىرىنچى، گۇەن خۇابىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

ۋاڭ ۋېنتيەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

ئىككىنچى، لى لى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

سۈن گۇڭيى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

ئۈچىنچى، سۈن شۇجۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراكەش پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

لى لى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراكەش پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

تۆتىنچى، چيۇ شۆجۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامىبىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

جاڭ يىمىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامىبىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

بەشىنچى، تيەن شۆجۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

لىن سۇڭتيەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

ئالتىنچى، چېن يۈمىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىۋېتسىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

گۈي سۇڭيۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىۋېتسىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

يەتتىنچى، ۋۇ يۈەنشەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك بولىۋىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

لياڭ يۈ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك بولىۋىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىككە تەيىنلەندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش