首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-08-09 12:20:15 :ۋاقىت

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى شىنجاڭدا كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى ئاچتى. مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىشخانا مۇدىرى لى شياۋخۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم پارتكومنىڭ كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ كۆزىتىش خىزمىتى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

بىز مەركەزنىڭ كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي – قۇدرەتلىك، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

لى شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىشنى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى دەپ قاراپ، ئۇنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئامما نازارەت قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش تۈزۈمىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، كۆزىتىش ئەمەلىيىتى، نەزەرىيەسى ۋە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ سالمىقى، كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئۇنى پارتىيەنىڭ، دۆلەتنىڭ ئۆتكۈر قورالى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك نازارەتچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش سىياسىي تەكشۈرۈش، تۈزىتىش سىياسىي ۋەزىپە. تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىزلاپ كېتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىشكە ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى كۆزىتىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىدە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى. ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ ‹‹تۆت ئىشەنچ›› نى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە ئامما نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك نازارەتچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش؛ مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىنى بايقاش، چۆچۈتۈپ قويۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش؛ پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ‹‹ئىككى مەسئۇلىيەت››نى چىڭىتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كۆزىتىش ئەمەلىيىتى، نەزەرىيەسى ۋە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن، ئۇ، كۆزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم قوللانما ۋە تۈزۈم كاپالىتى. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ‹‹نىزام››نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ھەممە يەردە قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىش – تەكشۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۈەن پارتكومى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى، كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش