首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە–ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-08-10 13:14:11 :ۋاقىت

چې جۈن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چې جۈن باشچىلىقىدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە–ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 8–ئاينىڭ 6–كۈنىدىن 8–ئاينىڭ 8–كۈنىگىچە شىنجاڭدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ سۆھبەت يىغىنى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە–ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى››نى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، باي–قۇدرەتلىك جېجياڭ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جېجياڭ، مەدەنىي جېجياڭ، تىنچ جېجياڭ، پاك جېجياڭ قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز بۇلارنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز، جېجياڭنى ئۈلگە قىلىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىمىز. جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش›› قاتارلىق جېجياڭچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى پائال شەكىللەندۈرۈپ، ئاقسۇ ۋە بىڭتۈەن 1–شىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جېجياڭ ئۆلكىسى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك 6–قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق–ئىناق، باي–قۇدرەتلىك، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، جېجياڭ خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز.

چې جۈن مۇنداق دېدى: جېجياڭ خەلقى ھازىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆلكىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۇقىرى سەۋىيە›› قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بىز شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ئۆگىنىمىز. بىز كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەمىمىيىتى بىلەن كەلدۇق. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىككى جاينىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى چوڭ رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىق قاتلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى زورايتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تىرىشىمىز. بىرىنچى، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. بولۇپمۇ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى يۆلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، نۇقتىلىق ۋە مەنبەدىن يۆلەيمىز. ئىككىنچى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپلەر ھەمكارلىق قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونى قۇرۇش، ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، بىرلىكتە ‹‹ئۇچۇر يىپەك يولى›› ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ بوياش–گۈل بېسىش كەسىپلەر رايونى قۇرۇشنى تەتقىق قىلىمىز ۋە پىلانلايمىز. ئۈچىنچى، ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، جېجياڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رىشتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىمىز. بىز يەنە نەچچە ئەۋلاد بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ چىن ھېسسىياتى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە يېتىلدۈرۈلگەن، ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلۇۋاتقان بىڭتۈەن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىڭتۈەندىكىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھازىرقى ياخشى ھەمكارلىق ئاساسىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن ھەمكارلىق پۇرسىتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بىڭتۈەن 1–شىسىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز.

شۆھرەت زاكىر، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى فېڭ فېي ئاپتونوم رايونىمىز ۋە جېجياڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە–ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى كۆزدىن كەچۈردى، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى جىنخۇا يېڭى كەنتى، ‹‹شىننۇڭ›› زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ‹‹زىسۇڭ›› ئىلمە توقۇلما كىيىم–كېچەك كارخانىسى، ئاقسۇ شەھىرى دولان كوچىسى 1–يەسلىسى، ‹‹خۇافۇ›› رەڭلىك توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، بىڭتۈەن 1–شىسى دوختۇرخانىسى، ئارال شەھەرلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسى، ‹‹شىنيۆ›› يىپەك يولى شىركىتى ۋە تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. نامرات ئائىلىلەردىن ھال سورىدى، ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، 359–لۈنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ھال سورىدى ھەم ئاقسۇ شەھىرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 1–شىسى ئارال شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، ‹‹ئون شەھەر، 100دۇكان›› قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى ۋە جېجياڭلىق سودىگەرلەر ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

جېجياڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن رېن جېنخې، چېن جىنبياۋ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، نىجات سۇلتان، جاۋ چۇڭجيۇ، كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، ياۋ شىنمىن، لى پىڭ، لى جىدۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش