首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

2017-يىللىق سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-08-16 07:38:17 :ۋاقىت

http://uy.ts.cn/homepage/content/attachement/jpg/site82/20170816/7427ea1214de1afe08230a.jpg

خىزمەتچى خادىم 15-ئاۋغۇست ياڭزىجياڭ يولى پوچتا تارماق ئىدارىسى تىجارەت زالىدا 2017-يىللىق سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى كۆرسەتمەكتە.

   2017-يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سېتىش رەسمىي باشلاندى، بېلەت باھاسى 50 يۈەن بولۇپ، كىشىلەر توردا سېتىۋېلىشتىن باشقا، يەنە ئۈرۈمچىدىكى 28 پوچتا تور نۇقتىسىدىن ياكى يەرمەنكە مەزگىلىدە نەق مەيداندىن سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

   توردا سېتىۋېلىشتا، كىشىلەر «邮政网点» ،«新邮寄» ،«这里是新疆» قاتارلىق ئۈندىدار نومۇرلىرىنى ئىزدەپ، ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىشلىرى، شىنجاڭ پوچتا ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئۈندىدار سودا بازىرىغا كىرىپ بېلەت سېتىۋېلىپ، ئۆزى بېرىپ ئېلىۋېلىشنى ياكى پوچتىدىن تاپشۇرىۋېلىشنى تاللىسا بولىدۇ.  

   2017-يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسى 24-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، يېمەكلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننىڭ ئېسىل تاۋارلىرى، ساياھەت-مەدەنىيەت كەسپى، تەنتەربىيە-مەدەنىيەت كەسپى، « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنىڭ دەل جايىدا يۆلەش تۈرى، شىنجاڭنىڭ ئېسىل بۇيۇملىرى قاتارلىق توققۇز كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 24-ئاۋغۇست كەسپىي تاماشىبىنلار كۈنى بولۇپ، شەھەر ئاممىسى كىرەلمەيدىكەن، 25-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە كۆرگەزمە ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن، بېلىتى بار تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى كىرەلەيدىكەن.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش