首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-08-28 18:26:53 :ۋاقىت

شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8–ئاينىڭ 27–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىندە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەنتەربىيە ئىشلىرىغا دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى يۈكلەنگەن. تەنتەربىيە ئىشلىرى كۈچەيسە، جۇڭگو قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت تەنتەربىيەسى گۈللەنسە، تەنتەربىيە ئىشلىرى روناق تاپىدۇ. تەنتەربىيە خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، ئىنچىكە پىلانلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىن مېھمانخانىسى يىغىن زالى قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ روھىي ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، بەزىلىرى مىللىيچە كىيىنگەنىدى، بەزىلىرىنىڭ مەيدىسىدىكى مېدال پارقىراپ تۇراتتى. سائەت 11دە شى جىنپىڭ تيەنجىن مېھمانخانىسى يىغىن زالىغا كىرىپ كەلگەندە زالدا قىزغىن گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مەملىكىتىمىز تەنتەربىيە سېپىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، ماھارەت تەنتەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تەنتەربىيە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، 2022–يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. كۆپچىلىك جاپالىق تىرىشتى، مەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا ئاددىي تەنتەربىيە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يولداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشتە تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئارزۇسى بىلەن جۇڭگو ئارزۇسى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئورنىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى چىڭ ئىگىلەپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش چوڭ ئەندىزىسىدە پىلانلاپ، تەنتەربىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە قارىشىنى يېڭىلاپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرى، ماھارەت تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسىپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشتە خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سۇبيېكتى قىلىپ، خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى تەنتەربىيەنى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەندىلا، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشتە، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى، تەنتەربىيە ئەخلاقى ۋە خىسلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي ئۆزىگە ئىشىنىپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت تەنتەربىيەسى تۈزۈلمىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك يۈرۈشتۈرۈپ، ۋەتەن ئۈچۈن شان–شەرەپ كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەنتەربىيە ئارقىلىق جەمئىيەتنى تېخىمۇ زور ئاكتىپ كۈچكە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشتە 2022–يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نى يۇقىرى سۈپەتتە ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى، بولۇپمۇ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قار–مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېسىل، قالتىس، ئاجايىپ بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىش كېرەك.

ئاخىرىدا شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەنتەربىيە ياشلىق باھارىغا، ساغلاملىققا، ھاياتىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، خەلقنىڭ بەختىگە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە تاقىلىدۇ. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ. يولداشلارنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، شۈ چىلياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ چېن، لۇ جەنگۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتى 1993–يىلى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلانغان، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم تەقدىرلىنىدۇ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئۇدا ئالتە نۆۋەت تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە 2013–يىلىدىن 2016–يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇندىن 3259ى، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار شەخستىن 2465ى، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپتىن 70ى، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچىدىن 44ى تەقدىرلەندى.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش