首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-08-31 16:29:23 :ۋاقىت

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9 – قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، جۇڭگو يەنە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ. 5 كېسەك ئالتۇن دۆلىتى ھەم مىسىر، گىۋىنېيە، مېكسىكا، تاجىكىستان، تايلاند رەھبەرلىرى شيامېنغا جەم بولۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق بۈيۈك پىلانى ئۈستىدە كېڭىشىدۇ. 9 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، جۇڭگو ھازىرغا قەدەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ سودا – سانائەت مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ. 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى شيامېن ‹‹خەلقئارا›› يىغىن مەركىزىدە باشلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلەرنىڭ كىچىك دائىرىلىك يىغىنى، چوڭ دائىرىلىك يىغىنى ئېچىلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ‹‹رەھبەرلەر شيامېن خىتابنامىسى››نى ماقۇللايدۇ. ئارقىدىن 5 دۆلەت رەھبەرلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە مەدەنىيەت، فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، سودا – سانائەت كېڭىشى بىلەن سۆھبەتلىشىش يىغىنى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو يەنە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىدۇ. 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ. سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو بىر پارچە رەئىس باياناتى ئېلان قىلىدۇ. سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ بارلىققا كېلىشى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى؛ كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتى گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىش جەريانىدىكى ئورنى ۋە رولىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى. 10 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان، خەلقئارا تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ھالقىلىق كۈچكە ئايلاندى. 2017 – يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككىنچى 10 يىلغا قەدەم قويدى. ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇشۇنداق مۇھىم پەيتتە، جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى. ھازىرقى دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا پائال ۋە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ئىقتىدارى بار. جۇڭگو باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئورتاق زورايتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 5 دۆلەتكە بەخت يارىتىشنى ھەم دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز بىر يىلدىن بۇيان ‹‹كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش››تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادەمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى يېڭى تىرەك قىلىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئادەمىيەت تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ‹‹ئۈچ چاق قوزغىتىلغان›› يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردۇق. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ‹‹جۇڭگو يىلى››دىكى پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار، پۈتۈن يىلغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شيامېن ئۇچرىشىشىغا تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن 10 يىل››غا قەدەم قويۇشىغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى. شيامېن ئۇچرىشىشىدىن تۆۋەندىكى 5 جەھەتتىكى ئۈمىدنى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ. بىرىنچىدىن، تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىيات بىرىكمە كۈچى شەكىللىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ساداسى تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىتىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىجتىمائىي ئاساس سېلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ. بەشىنچىدىن، تېخىمۇ كۈچلۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشى شەكىللىنىدۇ. يۇقىرىدىكى 5 جەھەتتىكى نەتىجە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەم يۈكسەك ئىرادە ۋە سەۋىيە نامايان قىلىنغان، ھەم قوللىنىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي فۇنكسىيەسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن، بۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن 10 يىل››ىنى ئېچىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، شيامېن ئۇچرىشىشى بىر مەيدان روشەن تارىخىي ئىز قالدۇرىدىغان ئۇچرىشىش، يىپيېڭى ھەمكارلىق مۇساپىسىنى باشلايدىغان ئۇچرىشىش بولىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق كېمىسى، دوستلۇق كېمىسى دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈرۈش قىلىدۇ!

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش