首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى نەتىجىسى 21-نويابىر ئېلان قىلىنىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-11-20 19:29:38 :ۋاقىت

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 21-نويابىر ئېلان قىلىنىدىكەن، مەملىكەت بويىچە لاياقەتلىك بولۇش نومۇر سىزىقى 360 نومۇر ئىكەن.

   دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ سىياسەتنى كەڭ قويۇۋېتىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ يىل ئىمتىھان سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش بەلگىلەنگەن جايلاردا لاياقەتلىك نومۇر چېكى تۆت تۈرگە ئايرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى 280 نومۇر؛ ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت تۆت ئاپتونوم رايون ۋە سىچۈەن، گۈيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي بەش ئۆلكىدىكى ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى 305 نومۇر؛ سىچۈەن، گۈيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەيدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە تەۋەلىكىدىكى ناھىيە (شەھەر، رايون )لەرنىڭ نومۇر لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى 310؛ يۇقىرىقى ئون ئۆلكە (رايون)دىن باشقا، مەملىكەت بويىچە ئوقۇش تارىخى شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلىدىغان رايوندىكىلەرنىڭ  لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى 315 نومۇر ئىكەن. ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنى ئىشلىتىپ ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ لاياقەتلىك نومۇرى ئۆلچىمى ئايرىم بېكىتىلىدىكەن.

   ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 21-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئورگان تورى (http://www.moj.gov.cn)، جۇڭگو قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى (http://www.legalinfo.gov.cn)، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ۋە جۇڭگو قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدىن نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئورگان تورىغا كىرىپ نەتىجە ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدىكەن.

 

 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش