首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىىسى كېلەر يىلى ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-11-27 15:53:15 :ۋاقىت

6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە 2018-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش : يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يىپەك يولىنىڭ كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ» باش تېما قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، چەت ئەللەرنىڭ دۆلىتىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كارخانا ۋەكىللىرى ۋە مۇخبىرلار بولۇپ 300دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 140 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ئوبراز كۆرگەزمىسى، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى كۆرگەزمىسى، تاۋار سودىسى كۆرگەزمىسى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، نەشرىياتچىلىق كۆرگەزمىسى قاتارلىق بەش كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىش  ۋە  مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مۇنبەردىن 15نى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان.

سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ بەش نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ۋە ئىككى نۆۋەتلىك تاۋار سودا يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن، جەمئىي بىر تىرىليون يۈەنلىك ئىچكى بىرلەشمە تۈر، 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى سودا تۈرىنى ئىمزالىغان، توختامنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى ٪ 78.5 بولغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش