首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2018- يىلىدىكى قىسمەن بايرام- دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2017-12-04 10:10:06 :ۋاقىت

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- نويابىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2018- يىلىدىكى قىسمەن بايرام- دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2018- يىلى يېڭى يىل، چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى:

  1. يېڭى يىلدا: 1- ئاينىڭ 1- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  2. چاغاندا: 2- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2- ئاينىڭ 11- كۈنى (يەكشەنبە)، 2- ئاينىڭ 24- كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  3. چوكانتال بايرىمىدا: 4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4- ئاينىڭ 8- كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  4. ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا: 4- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4- ئاينىڭ 28- كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  5. تاڭزۇڭزا چاغىنىدا: 6- ئاينىڭ 18- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  6. تاۋۇز چاغىنىدا: 9- ئاينىڭ 24- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  7. دۆلەت بايرىمىدا: 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى (شەنبە)، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  بايرام- دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلار، تارماقلار نۆۋەتچىلىك ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، ئاممىنىڭ بايرام- دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تىنچ- ئامان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

                                                                                            گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

                                                                                         2017- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش