首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 1022 نەپەر مەمۇر ۋە كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2017-12-08 18:37:42 :ۋاقىت

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 7-دېكابىر ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بىڭتۈەن يېڭى بىر تۈركۈم مەمۇر (كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى) قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە يۈزلەنگەن ئاساستا 1022 نەپەر مەمۇر ۋە كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئىدارە-ئورۇن خاراكتېرى بويىچە ئايرىغاندا 1012 مەمۇر(ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى)ۋە 10 كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ ئوقۇش تارىخى بويىچە ئايرىغاندا، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 102 نەپەر، تولۇق كۇرس ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 920 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ سىستېما بويىچە ئايرىغاندا، بىڭتۈەن ئورگان تارماقلىرىغا 195 نەپەر، شى (شەھەر) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش سىستېمىسى، ج خ سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا 827 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدىكەن.

بۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئىچكىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تارىخىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش