首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

2018-يىللىق چاغانلىق پويىز بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلىدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-01-03 17:22:19 :ۋاقىت



خىزمەتچى خادىملار 2-يانۋار گۇيجۇ كېرى پويىز ئىستانسىسىدا 2018-يىللىق تۆمۈر يولدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش تەشۋىقاتى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىللىق تۆمۈر يولدا چاغانلىق يولۇچى 1-فېۋرال باشلىنىدىغان بولۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پويىز بېلىتى 3-يانۋار (بۈگۈن)دىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلىغان.

مۇخبىرنىڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-فېۋرالدىن 12-مارتقىچە جەمئىي 40 كۈن ئىكەن.

نۆۋەتتە، پويىز بېلىتىنى ئىنتېرنېت تورى، يانفون، مۇقىم تېلېفون قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇددەتتىن 30 كۈن ئىلگىرى(3-يانۋاردىن باشلاپ)، بېكەت، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق مۇددەتتىن 28 كۈن ئىلگىرى(5-يانۋاردىن باشلاپ) سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش