首页 > شىنجاڭغا نەزەر

تاجىكلار ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-01-30 18:39:39 :ۋاقىت

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

تاجىك مىللىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقاندىن سىرت، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، گۇما قاتارلىق ناھىيەلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تاجىكلارنىڭ ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق ئاساسىي ئورۇندا، چارۋىچىلىق قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدۇ. تاجىكلار يېرىم كۆچمەن، يېرىم ئولتۇراق ھالىتىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئەدەپ- قائىدىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، قىزغىن ۋە مېھماندوست كېلىدۇ. ياشلار چوڭلارنى كۆرگەندە سالام بېرىپ، ئامانلىق سورايدۇ. ياشلار كۆرۈشكەندە قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. يول سەپەرلىرىدە تونۇشمايدىغان يىراقتىن كەلگەن يولۇچىلار ئۇچرىسىمۇ سالام بېرىپ، ئەھۋال سوراپ ئۆتىدۇ. تاجىك مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بايراملىرىدىن بەخت تىلەش بايرىمى(باھار كۈنلىرى ئۆي ۋە ھويلا- ئارانلارنى پاكىز تازىلاپ، كىشىلەرنىڭ ئۈستى- بېشىغا ئۇن سېپىپ بەخت تىلەپ تەبرىكلەيدىغان بايرام)، سۇ باشلاش(زۇۋۇر) بايرىمى ۋە ئۇرۇق چېچىش (زۇۋۇد) بايرىمى قاتارلىقلار بار.

  تۆۋەندە سۇ باشلاش بايرىمى ۋە ئۇرۇق چېچىش بايرىمى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  سۇ باشلاش بايرىمى: سۇ باشلاش تاجىك تىلىدا «زۇۋۇر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەخسۇس دېھقانلار بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى باھار پەسلى كېلىپ، قار- مۇزلار ئېرىگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزىلىدۇ. تاجىك خەلقى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تاشقورغان رايونىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، ئاھالىسى شالاڭ بولۇپ، قىش كۈنلىرى تاغدىن كېلىدىغان سۇ مۇز توڭلاپ كېتىدۇ. ئەتىياز يېتىپ كەلگەندە تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن، مۇز پارچىلىرىنى ئۇرۇپ- چېقىپ، ئېرىقلارغا سۇ باشلاپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا سۇ باشلاپ كېلىپ تېرىقچىلىق قىلىشى مۇمكىن بولمىغاچقا، سۇ باشلاش بايرىمى كۈنى پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەر تەشكىللىك ئاساستا سۇ باشلاش پەللىسىگە ئاتلىق بېرىپ، مۇز چېقىش، ئېرىق- ئۆستەڭلەرنى تۈزەشتۈرۈپ رېمونت قىلىش ئەمگىكىگە قاتنىشىدۇ. باشلاپ كېلىنگەن سۇ ئېرىققا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، بايراملىق ئېلىپ كەلگەن چوڭ نانلارنى ئورتاقلىق ئاساسىدا تەقسىم قىلىشىپ يېيىشىدۇ. بالىلار بىر- بىرىگە سۇ چېچىشىپ، سۇنىڭ باشلانغانلىقىغا تەنتەنە قىلىشىدۇ. داغدۇغىلىق ئوغلاق تارتىشىش ۋە بەيگە قاتارلىق ئات ئۈستى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۈنى پامىر تاغلىرى ئېتەكلىرىگە ئولتۇراقلاشقان تاجىك چارۋىچىلىرى بىر قىش ئېتىپ قويۇلغان تۈڭلۈكلىرىنى ئېچىپ ئۆي ئىچىنى ئاپتاپقا سالىدۇ.

  ئۇرۇق چېچىش بايرىمى: بۇ بايرام تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تاجىك تىلىدا «تېخمىي زۇۋۇد» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ «ئۇرۇق سېلىش، ئۇرۇق چېچىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇرۇق چېچىش بايرىمى ھەر يىلى پامىر ئېگىزلىكىدىكى قار- مۇزلار ئېرىپ، تېرىلغۇ يەرگە ساپان سالغۇدەك بولغان كۈندىن بىر كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرام يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر چوڭ نانلارنى ياقىدۇ. شۇنداقلا ئارپا ۋە ئىرىمچىك ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدىغان «دەلىيا» دەپ ئاتىلىدىغان تاماق قاتارلىق بايراملىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلايدۇ. قولۇم- قوشنىلار ئۆزئارا ھېيتلىشىدۇ. ئەرلەر ھېيتلاش ئۈچۈن ئۆيدىن چىققاندا، ئاياللار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، مول ھوسۇل بولۇشنى تىلەپ سۇ چاچىدۇ. تېرىلغۇغا سالىدىغان ئۇلاغلىرى بار كەنت ئاھالىلىرى يەنە خېمىردىن كىچىك كالا ۋە ساپانلارنىڭ مودېلىنى ياساپ، تېرىلغۇغا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئۇلاغلىرىغا يېگۈزىدۇ. بايرام كۈنى ھەرقايسى ئائىلىلەر ئېتىزغا چىقىپ، سىمۋول خاراكتېرلىك ئەمگەكلەرنى قىلىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە توپلاشقاندىن كېيىن، بىر پارچە تېرىلغۇ يەرنى تاللاپ، بىر پېشقەدەم دېھقاننى يەرگە سىمۋول خاراكتېرلىك ئۇرۇق چېچىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. قالغان ئادەملەر بولسا پەشلىرى بىلەن ئۇرۇقنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆيگە قايتىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆز ئېتىزىغا چېچىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. ئۇرۇق چېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ياشانغان ئايال يەردە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. بىر دېھقان موماينى چۆگىلەپ، كەتمەن بىلەن يەرنى چانايدۇ. بۇ، بۇ يىلقى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق ئۇرۇق سېلىش بۈگۈندىن تارتىپ باشلاندى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمدى رەسمىي باشلىسا بولىدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چاغدا چوڭلار، بالىلار بىر- بىرىنىڭ بەدىنىگە ئازراق سۇ چېچىشىپ، مول ھوسۇل تىلىشىدۇ.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش