首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-02-07 15:58:52 :ۋاقىت

شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەم چاغاننى بىللە كۈتۈۋالغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك

يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەتكە قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم چاغاننى بىللە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئەزالارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان سىياسىي تونۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى – دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئوڭۇشلۇق ئاچقانلىقى، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەت پىلانىنى ئايرىم – ئايرىم تونۇشتۇردى. پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىلى گو لېيمۇ سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى پائال ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەنە بىرقانچە كۈندىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان بولىدۇ. بىز بۇ يەردە يېڭى، كونا دوستلار بىلەن جەم بولۇپ، دوستانە سۆھبەتلىشىپ، چاغاننى بىللە كۈتۈۋېلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2017 – يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، شۇنداقلا كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولدى. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچىلىك دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش›› ۋە ‹‹ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش ۋە يۈكسەلدۈرۈش›› قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە – ئەقىل كۆرسىتىپ، 150 نەچچە پىكىر – تەكلىپ بېرىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. يولداشلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلاپ چىقىپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەش بىرگەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى قەدەممۇ قەدەم، پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ داغدام يولىنى بويلاپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. كۆپچىلىكنىڭ ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلار ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ‹‹ھەمكارلىشىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش›› باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹1 – ماي شوئارى›› ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تارىخىنى ئەسلەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تەپەككۇرى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، توغرا ۋە ئېنىق كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئەزالارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى توغرا تونۇپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپ ئاھالىسى بار سوتسىيالىستىك دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەم سىياسىي جەھەتتە پىشقان بولۇشى، ھەم ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەرىپى. يولداشلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ئىدىيەۋى، تەشكىلىي، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمى ۋە تۈرلۈك كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ سىياسىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارى، تەشكىلىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شى جىنپىڭ سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىل زاتلارنى تەربىيەلەش – يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك ۋە ياردەمچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى – كونا مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىر قالدۇردى. سۆھبەت يىغىنىغا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇڭ جيەنخۇا، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ شاۋدۇ، چېن شى، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، يۇ چۈەن، مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش