首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندىر بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-02-08 12:57:15 :ۋاقىت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- فېۋرال تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 2- ئاينىڭ 7- كۈنى جۇڭنەنخەيدە گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندىر ۋە ئۇنىڭ خانىشى ماكسىما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندىر بىلەن خانىشنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. مەن 2014- يىلى گوللاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، سىز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو- گوللاندىيەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن تەرەققىيات نىشانى ۋە پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە ئۆزئارا زىيارەت قىلىش نەتىجىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، سودا، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو- گوللاندىيە مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېڭى بىر يىلدا ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندىر ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر يىلدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، گوللاندىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى تىلىدى. ۋىليام ئالېكساندىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. گوللاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ گوللاندىيەگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، گوللاندىيە ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. گوللاندىيە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش