首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ بىلەن ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ئۆزئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-02-09 18:35:29 :ۋاقىت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئۆزئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو، ۋىيېتنام خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن يولداش باش شۇجىغا ھەم سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ۋىيېتنام خەلقىگە چاغانلىق سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە بەخت تىلەيمەن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017 – يىلى جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. مەن بىلەن يولداش باش شۇجى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى يەنە بىر قېتىم ئىشقا ئاشۇردۇق، بىز ھاسىل قىلغان كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقە – ھەمكارلىقىدىكى مول نەتىجىگە ئايلاندى. 2017 – يىلى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› نى ‹‹ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك›› بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشتا مۇھىم قەدەم ئالدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 100 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يەتتى، خادىملارنىڭ بېرىش – كېلىشى ئاز كەم 10 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يەتتى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2018 – يىلى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 – يىلى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەختى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر، بولۇپمۇ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ دائىم ئۇچرىشىپ تۇرۇشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىتىشنى خالايمەن.

رۇەن فۇجۇڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋۇشۈي يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن سىز ھەم سىز ئارقىلىق جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقىگە ئەڭ گۈزەل چاغانلىق بەخت تىلەيمەن. رۇەن فۇجۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەش بولدى. 2018 – يىلى ۋىيېتنام – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولىدۇ. مەن سىز بىلەن بىللە، ھەر قايسى قاتلام، دەرىجە، تارماقلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى ھەمكارلىق نەتىجىسى ئاساسىدا، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش