首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

يېڭى دەۋردە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-02-09 19:11:56 :ۋاقىت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقاتتى. بۇ، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان مەركەزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئاساسىي تېما قىلىنغان 15- قېتىملىق 1- نومۇرلۇق ھۆججىتى ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن جۈن دەل ۋاقتىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ھۆججەتنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈردى.

  ھەممە تەرەپكە چېتىلىدىغان، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم ھۆججەت

  خەن جۈن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش چۆرىدىلىپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلدى، تەپەككۇر يولى، ۋەزىپىسى، سىياسىتى بېكىتىلدى، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلگىرىكى يىللاردىكى 1- نومۇرلۇق ھۆججەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىللىق 1- نومۇرلۇق ھۆججەت ھەممە تەرەپكە چېتىلىش، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشتەك ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  خەن جۈن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئىلگىرىكى 1- نومۇرلۇق ھۆججەتلىرىدە يېزا ئىگىلىكى مەسىلىسى، يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆپرەك تەكىتلىنەتتى. بۇ يىللىق 1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇ يېزا مەدەنىيىتى، تۈزەش، خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 20 خەتلىك ئومۇمىي تەلەپتىكى بۇ بەش جۈملە سۆز ئورگانىك بىر گەۋدە بولۇپ، ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا، باغلىنىشچانلىقىغا، بىر پۈتۈنلۈكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، باشقىسىغا سەل قاراشقا، بىرنى تۇتۇپ، باشقىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  خەن جۈن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى، بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ۋەزىپە بولۇپ، ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ھەم ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ. ھۆججەتتە «كەلگۈسىنى يىرىكرەك پىلانلاش، يېقىن مەزگىلنى تەپسىلىي پىلانلاش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق نىشان- ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  بۇ ئۈچ نىشان- ۋەزىپە: 2020- يىلىغا بارغاندا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش؛ 2035- يىلىغا بارغاندا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2050- يىلىغا بارغاندا يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك، يېزىلار گۈزەل، دېھقانلار باي بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش.

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك تەمىنلەش كۈچەيتىلىدۇ

  خەن جۈن مۇنداق دېدى: شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، بۇ، ھۆججەتتىكى مۇھىم بىر مەزمۇن. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، «پۇل، يەر، ئادەم» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋاپىق بولمىغان بارلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، شەھەر- يېزا ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۈرۈشۈشى، باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جامائەت بايلىقىنىڭ شەھەر- يېزىلارغا باراۋەر تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  توسالغۇنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟ خەن جۈن مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى ئۈچ ئاچقۇچلۇق مەزمۇننى ئوتتۇرىغا قويدى:

  «پۇل» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا سېلىنما كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مالىيەدە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، پۇل مۇئامىلىدە نۇقتىلىق مايىللىشىش، جەمئىيەت ئاكتىپ قاتنىشىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سېلىنما ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

  «يەر» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر ئامىلىنى شەھەر- يېزىلاردا باراۋەر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىنى تېز كۆرۈش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

  «ئادەم» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئەقلىي ئىقتىدار، تېخنىكا، باشقۇرۇشنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزىلاردا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يېزا كەسىپ ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەنى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

  خەن جۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش يەنىلا يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى زور سىياسەت مەسىلىسى. ھۆججەتتە يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن زور ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەسىلەن: دېھقانلارنىڭ بوش ئۆيلۈك يېرى ۋە بىكار تۇرغان ئۆيلىرىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۆيلۈك يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆيلۈك يېرى بار دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ سالاھىيەت ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆيلۈك يەر ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق قويۇپ بېرىش» يۆنىلىشىگە ئاساسەن، ئۆيلۈك يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، پايدىلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»نى ئىسلاھ قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ ئىسلاھات شەھەرلىكلەر يېزىغا بېرىپ ئۆي، يەر سېتىۋالسۇن دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئامىللارنى يېزىغا يۈرۈشۈشكە جەلپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ بىكار تۇرغان ئۆيلىرىنى يېزا ساياھەتچىلىكى، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك»ى تىكلىنىدۇ

  خەن جۈن مۇنداق دېدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھۆججەتتە بىر قاتار زور تەدبىرلەر پىلانلانغان، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك»ى بېكىتىلگەن.

  − دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى يېتەكچى قىلىنىدۇ. ھۆججەتتە دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى(2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)نى تۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىرىك پىلان ھۆججەت بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 2022- يىلى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنى ئېچىشقىچە بولغان مەزگىلدىكى نىشان- ۋەزىپىلەر ئايرىم - ئايرىم ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە سىياسەت- تەدبىرلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  − پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھۆججەتتە مۇنداق بېكىتىلدى: ج ك پ نىڭ يېزا خىزمىتى نىزامىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئەنئەنىسى، تەلىپى ۋە سىياسىتى قاتارلىقلارنى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى شەكلىدە بېكىتىپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  − بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيە، زور ھەرىكەت ۋە زور قۇرۇلۇش تىرەك قىلىنىدۇ. مەسىلەن: دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، رەقەملىك يېزا- كەنت ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يېتەكچى پىكرىنى تۈزۈش، كەسىپ ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ھەمدە بىر تۈركۈم زور، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، مۇنەۋۋەر تېرىقچىلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەقىقىي قوغداش قاتارلىقلار.

  − ھەر تەرەپلىمە تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھۆججەتتە يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى پۇختىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش- قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي دېھقانلار تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش، بازارلاشقان كۆپ مەنبەلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىش، سودا- سانائەت كاپىتالىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ، بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ھۆججەتتە دېھقانلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلارمۇ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەسىلەن: يېزىلارنىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانىك ئوغۇتنى خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى قىغلىرىنىڭ بۇلغىشىنى بىر تەرەپ قىلىش، زىرائەتلەرنىڭ شاخ- شۇمبىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىكىدىكى كېرەكسىز يالتىراقلارنى يىغىۋېلىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىدىن يېشىل مۇاپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كەنتلەردە تور مۇلازىمەت نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنى باھالىشى كۆپ، بەرپا قىلىدىغان ئۆلچەملەر كۆپ، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش كۆپ بولۇشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ئېنىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك كىچىك مىكرو ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار.

  پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ ۋە ئۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  خەن جۈن مۇنداق دېدى: ھۆججەتتە پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدىغان يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، مەركەز بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدىغان، ناھىيە- شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇش. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقى 1- مەسئۇل كىشى بولۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى تۇتۇش.

  ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يىلدا دوكلات قىلىش.

  ناھىيە- شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، باھالاش نەتىجىسىنى رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش.

  ھۆججەتتە يەنە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە «ئەمەلىي تەدبىرلەر» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن: 1- شۇجى ئەۋەتىش خىزمىتىدە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش، نامرات كەنت، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادى ئاجىز كەنتلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ئومۇميۈزلۈك 1- شۇجى ئەۋەتىش. يېزا بىرىنچى سەپ خىزمىتىدە چېنىقىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىش، ئەمەلىي نەتىجىسى ئەلا كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىختىساسلىقلار يېزا ئاساسىي قاتلىمىنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈرۈشىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈش.

  خەن جۈن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تۇتقا، يېڭى بايراق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تونۇشنى، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-فېۋرال تېلېگراممىسى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش