首页 > ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاش > ھۆكۈمەت ئاخباراتى

يېڭىدىن سايلانغان ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-02-11 09:38:13 :ۋاقىت


شۆھرەت زاكىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  شۆھرەت زاكىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1953 – يىلى 8 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدىن، 1970 – يىلى 12 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى رەھبىرىي كادىرلارنى سىرتتىن ئوقۇتۇش سىنىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى.

   1970 – يىلى 12 – ئايدىن 1972 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە زىيالىي ياش بولغان؛ 1972 – يىلى 2 – ئايدىن 1974 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1974 – يىلى 2 – ئايدىن 1978 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەسى دىۋوپۇ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1978 – يىلى 3 – ئايدىن 1980 – يىلى 6 – ئايغىچە خۇبېي جياڭخەن نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1980 – يىلى 6 – ئايدىن 1984 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ نېفىت گېئوفىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تېخنىكى بولغان؛ 1984 – يىلى 6 – ئايدىن 1988 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان (1982 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 7 – ئايغىچە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1988 – يىلى 5 – ئايدىن 1992 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992 – يىلى 11 – ئايدىن 1993 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993 – يىلى 8 – ئايدىن 1997 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1994 – يىلى 3 – ئايدىن 1994 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1997 – يىلى 2 – ئايدىن 1997 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1997 – يىلى 7 – ئايدىن 2000 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان (1996 – يىلى 8 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى رەھبىرىي كادىرلارنى سىرتتىن ئوقۇتۇش سىنىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان؛ 1996 – يىلى 12 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2000 – يىلى 7 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى (دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىشخانىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان؛ 2000 – يىلى 12 – ئايدىن 2001 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2001 – يىلى 3 – ئايدىن 2005 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 2004 – يىلى 3 – ئايدىن 2005 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2005 – يىلى 12 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2006 – يىلى 1 – ئايدىن 2009 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولغان (2003 – يىلى 9 – ئايدىن 2007 – يىلى 3 – ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ سودا – سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ، ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2009 – يىلى 7 – ئايدىن 2011 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (قوشۇمچە)؛ 2011 – يىلى 6 – ئايدىن 2013 – يىلى 12 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (قوشۇمچە)؛ 2013 – يىلى 12 – ئايدىن 2014 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نامزاتى بولغان؛ 2014 – يىلى 1 – ئايدىن 2014 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2014 – يىلى 12 – ئايدىن 2015 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2015 – يىلى 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. 10 –، 11 –، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

ئەركىن تۇنىيازنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


   ئەركىن تۇنىياز، ئەر، ئۇيغۇر، 1961 – يىلى 12 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئاقسۇدىن، 1983 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983 – يىلى 7 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيەسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيەسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى، لېكتور.
   1980 – يىلى 9 – ئايدىن 1983 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1983 – يىلى 8 – ئايدىن 1987 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا 1986 – يىلى 9 – ئايدىن 1987 – يىلى 1 – ئايغىچە شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرى بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1987 – يىلى 6 – ئايدىن 1991 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا 1988 – يىلى 8 – ئايدىن 1990 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1991 – يىلى 11 – ئايدىن 1992 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى سىناش، تەيىنلەش – قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش  – جازالاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992 – يىلى 8 – ئايدىن 1993 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1993 – يىلى 11 – ئايدىن 1998 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى زىيالىيلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1998 – يىلى 3 – ئايدىن 1999 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى بولغان (1997 – يىلى 9 – ئايدىن 1999 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي  – ئىقتىساد كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 1999 – يىلى 10 – ئايدىن 2005 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 2005 – يىلى 2 – ئايدىن 2008 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 2008 – يىلى 1 – ئايدىن 2014 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (ئارىلىقتا 2008 – يىلى 9 – ئايدىن 2008 – يىلى 12 – ئايغىچە دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار ئىنگلىز تىلى كۈچەيتىش كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2009 – يىلى 3 – ئايدىن 2011 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيەسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيەسى كەسپىدە ئاسپىرانتلىقنى ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان؛ 2012 – يىلى 1 – ئايدىن 2012 – يىلى 5 – ئايغىچە ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننېدى ھۆكۈمەت ئىنستىتۇتىدا ئالىي زىيارەتچى ئالىم بولۇپ تۇرغان)؛ 2014 – يىلى 6 – ئايدىن 2016 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2016 – يىلى 10 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (ئارىلىقتا 2016 – يىلى 11 – ئايدىن 2017 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان).
پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

   پېڭ جيارۈينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


   پېڭ جيارۈي، ئەر، خەنزۇ، 1961 – يىلى 4 – ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ ۋۇۋېيدىن، 1981 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983 – يىلى 12 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
   1979 – يىلى 8 – ئايدىن 1981 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ سىياسىي  – قانۇن كادىرلىرى مەكتىپىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1981 – يىلى 8 – ئايدىن 1990 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق ئەمگەك – كادىرلار ئىدارىسى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان؛ 1990 – يىلى 9 – ئايدىن 1992 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق ئەمگەك  – كادىرلار ئىدارىسى پىلانلىق قوبۇل قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1992 – يىلى 3 – ئايدىن 1992 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1992 – يىلى 10 – ئايدىن 1995 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1990 – يىلى 9 – ئايدىن 1993 – يىلى 7 – ئايغىچە شىئەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىنستىتۇتى ئۈرۈمچى شۆبىسىنىڭ سىياسىي خىزمەت كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان؛ 1993 – يىلى 3 – ئايدىن 1993 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1995 – يىلى 4 – ئايدىن 1995 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان؛ 1995 – يىلى 12 – ئايدىن 1996 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان (1994 – يىلى 8 – ئايدىن 1996 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان)؛ 1996 – يىلى 12 – ئايدىن 1998 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998 – يىلى 1 – ئايدىن 2000 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان (1996 – يىلى 12 – ئايدىن 1998 – يىلى 11 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتورىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1999 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2000 – يىلى 4 – ئايدىن 2001 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2001 – يىلى 1 – ئايدىن 2001 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2001 – يىلى 8 – ئايدىن 2004 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان؛ 2004 – يىلى 10 – ئايدىن 2004 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2004 – يىلى 12 – ئايدىن 2011 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 9 – شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2011 – يىلى 7 – ئايدىن 2015 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش  – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى (يېزا ئىگىلىك) 2 – شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2015 – يىلى 12 – ئايدىن 2016 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە  – ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2016 – يىلى 3 – ئايدىن 2016 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە  – ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2016 – يىلى 12 – ئايدىن 2017 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2017 – يىلى 3 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندان، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى.
پارتىيە 17 –، 18 –، 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.
                                                                 جاڭ چۈنلىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

   جاڭ چۈنلىن، ئەر، خەنزۇ، 1965 – يىلى 2 – ئايدا تۇغۇلغان، سىچۇەن دېياڭدىن، 1986 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986 – يىلى 1 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ئىقتىسادشۇناسلىقى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

  1982 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1986 – يىلى 8 – ئايدىن 1989 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1989 – يىلى 11 – ئايدىن 1993 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك كاتىپى بولغان؛ 1993 – يىلى 4 – ئايدىن 1993 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك كاتىپى بولغان؛ 1993 – يىلى 12 – ئايدىن 1994 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1994 – يىلى 7 – ئايدىن 1994 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساۋەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1994 – يىلى 12 – ئايدىن 1998 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساۋەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا – بازار كارخانىلىرى كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998 – يىلى 1 – ئايدىن 1998 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان؛ 1998 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىقتىساد خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (1997 – يىلى 9 – ئايدىن 1999 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان، باشقۇرۇش ئىلمى ماگىستىرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2000 – يىلى 7 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك ئىقتىساد خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2000 – يىلى 12 – ئايدىن 2006 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا – بازار كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان ( ئارىلىقتا 2002 – يىلى 5 – ئايدىن 2002 – يىلى 11 – ئايغىچە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا – بازار كارخانىلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقى ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان؛ 2003 – يىلى 10 – ئايدىن 2004 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتىنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى چەت ئەل تىلى بويىچە كۈچەيتىش سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2004 – يىلى 12 – ئايدىن 2005 – يىلى 3 – ئايغىچە ئامېرىكا ۋودبۇرىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2006 – يىلى 6 – ئايدىن 2011 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان (2004 – يىلى 4 – ئايدىن 2007 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ئىقتىسادشۇناسلىقى كەسپى بويىچە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ 2010 – يىلى 3 – ئايدىن 2010 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2011 – يىلى 1 – ئايدىن 2011 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2011 – يىلى 2 – ئايدىن 2013 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر بولغان؛ 2013 – يىلى 3 – ئايدىن 2013 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر بولغان؛ 2013 – يىلى 6 – ئايدىن 2017 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2017 – يىلى 2 – ئايدىن 2018 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2018 – يىلى 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

جارۇللا ھېسامىدىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


 جارۇللا ھېسامىدىن، ئەر، ئۇيغۇر، 1962 – يىلى 6 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئاتۇشتىن، 1980 – يىلى 11 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986 – يىلى 12 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى.
  1980 – يىلى 11 – ئايدىن 1982 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى باشقارمىسى يىغىۋېلىش پونكىتىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1982 – يىلى 8 – ئايدىن 1988 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان (ئارىلىقتا 1985 – يىلى 9 – ئايدىن 1987 – يىلى 7 – ئايغىچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1988 – يىلى 8 – ئايدىن 1991 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1991 – يىلى 4 – ئايدىن 1992 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1992 – يىلى 6 – ئايدىن 1994 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قونجىراپ پورت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا 1992 – يىلى 9 – ئايدىن 1993 – يىلى 6 – ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1994 – يىلى 3 – ئايدىن 1995 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يوپۇغا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان؛ 1995 – يىلى 3 – ئايدىن 1998 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يوپۇغا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاكىم بولغان؛ 1998 – يىلى 1 – ئايدىن 1999 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يوپۇغا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان؛ 1999 – يىلى 3 – ئايدىن 2005 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (1997 – يىلى 7 – ئايدىن 1999 – يىلى 7 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتورىيەسىنىڭ تېخنىكا – ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1998 – يىلى 8 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان؛ 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ نازىر دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2002 – يىلى 3 – ئايدىن 2002 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2005 – يىلى 2 – ئايدىن 2008 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 2008 – يىلى 2 – ئايدىن 2009 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2009 – يىلى 2 – ئايدىن 2013 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 2009 – يىلى 12 – ئايدىن 2011 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا  – سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2013 – يىلى 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
11 –، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

                                                                  جاۋ چۇڭجيۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 جاۋ چۇڭجيۇ، ئەر، خەنزۇ، 1965 – يىلى 5 – ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ پەنجىندىن، 1990 – يىلى 3 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتىنىڭ پورت، دېڭىز قىرغىقى ۋە يېقىن دېڭىز قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
   1983 – يىلى 9 – ئايدىن 1987 – يىلى 9 – ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ پورت ۋە سۇ يولى قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1987 – يىلى 9 – ئايدىن 1990 – يىلى 3 – ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى سۇ بايلىقى ۋە پورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ دېڭىز قىرغىقى قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرلىق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 1990 – يىلى 3 – ئايدىن 1994 – يىلى 6 – ئايغىچە قاتناش مىنىستىرلىقى تيەنجىن سۇ تىرانسپورت قۇرۇلۇشى ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ كادىرى، دېڭىز قىرغىقى – دەريا ھەۋزىسى ئىشلىرى ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۆلۈم دەرىجىلىك)؛ 1994 – يىلى 6 – ئايدىن 1995 – يىلى 4 – ئايغىچە قاتناش مىنىستىرلىقى تيەنجىن سۇ تىرانسپورت قۇرۇلۇشى ئىلمى تەتقىقات ئورنى پەن تەتقىقات – پىلان باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1995 – يىلى 4 – ئايدىن 1997 – يىلى 11 – ئايغىچە قاتناش مىنىستىرلىقى تيەنجىن سۇ تىرانسپورت قۇرۇلۇشى ئىلمى تەتقىقات ئورنى پەن تەتقىقات – پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك)، تەتقىقات ئورنى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولغان (1997 – يىلى 2 – ئاي)؛ 1997 – يىلى 11 – ئايدىن 1999 – يىلى 11 – ئايغىچە قاتناش مىنىستىرلىقى تيەنجىن سۇ تىرانسپورت قۇرۇلۇشى ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (باشقارما دەرىجىلىك)، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەكشۈرۈش – لايىھەلەش يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1999 – يىلى 11 – ئايدىن 2007 – يىلى 4 – ئايغىچە قاتناش مىنىستىرلىقى تيەنجىن سۇ تىرانسپورت قۇرۇلۇشى ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان (ئارىلىقتا 2001 – يىلى 3 – ئايدىن 2004 – يىلى 3 – ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتىنىڭ پورت، دېڭىز قىرغىقى ۋە يېقىن دېڭىز قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، سانائەت پەنلىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2007 – يىلى 4 – ئايدىن 2008 – يىلى 3 – ئايغىچە قاتناش مىنىستىرلىقى تيەنجىن سۇ تىرانسپورت قۇرۇلۇشى ئىلمى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2008 – يىلى 3 – ئايدىن 2009 – يىلى 8 – ئايغىچە قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تيەنجىن سۇ تىرانسپورت قۇرۇلۇشى ئىلمى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2009 – يىلى 8 – ئايدىن 2011 – يىلى 10 – ئايغىچە خەلق قاتناش نەشرىياتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى بولغان؛ 2011 – يىلى 10 – ئايدىن 2014 – يىلى 9 – ئايغىچە قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى پەن – تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2014 – يىلى 9 – ئايدىن 2016 – يىلى 7 – ئايغىچە قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژېنېرى بولغان (ئارىلىقتا 2016 – يىلى 3 – ئايدىن 2016 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 2016 – يىلى 7 – ئايدىن 2017 – يىلى 2 – ئايغىچە قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش پىلانلىغۇچى، ئۇنىۋېرسال پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2017 – يىلى 2 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
                                                          
                                                          جاۋ چىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
 
   جاۋ چىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1961 – يىلى 10 – ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ پىڭيىندىن، 1983 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1989 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىنژېنېر.
   1980 – يىلى 9 – ئايدىن 1983 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ بىناكارلىق – قۇرۇلۇش مەكتىپى سانائەت – پۇقراۋى بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1983 – يىلى 8 – ئايدىن 1991 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق بىناكارلىق شىركىتىدە كادىر، قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن دىرېكتور بولغان (ئارىلىقتا 1984 – يىلى 10 – ئايدىن 1987 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبىسىنىڭ سانائەت – پۇقراۋى بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1991 – يىلى 1 – ئايدىن 1993 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش سۈپىتى نازارەتچىلىك پونكىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993 – يىلى 8 – ئايدىن 1994 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىناكارلىق باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1994 – يىلى 6 – ئايدىن 1998 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1995 – يىلى 3 – ئايدىن 1995 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە – باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1998 – يىلى 5 – ئايدىن 2002 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1996 – يىلى 8 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان)؛ 2002 – يىلى 2 – ئايدىن 2003 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان (2000 – يىلى 3 – ئايدىن 2002 – يىلى 3 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتورىيەسى مىقدارلىق ئىقتىساد ۋە تېخنىكىلىق ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2003 – يىلى 4 – ئايدىن 2005 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۈگۈر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2005 – يىلى 7 – ئايدىن 2006 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2006 – يىلى 9 – ئايدىن 2010 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2010 – يىلى 9 – ئايدىن 2011 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2011 – يىلى 7 – ئايدىن 2012 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 5 – شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2012 – يىلى 2 – ئايدىن 2015 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى (يېزا ئىگىلىك) 5 – شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2015 – يىلى 12 – ئايدىن 2016 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2016 – يىلى 9 – ئايدىن 2017 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 – شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2017 – يىلى 2 – ئايدىن 2017 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 – شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2017 – يىلى 3 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.
                                                         ۋاڭ مىڭشەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ۋاڭ مىڭشەن، ئەر، خەنزۇ، 1964 – يىلى 1 – ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ ۋۇ ۋېيدىن، 1986 – يىلى 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990 – يىلى 4 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ رادىيو كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
   1982 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ رادىيو كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1986 – يىلى 7 – ئايدىن 1986 – يىلى 9 – ئايغىچە تەقسىمات كۈتۈپ تۇرغان؛ 1986 – يىلى 9 – ئايدىن 1989 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى تېخنىكىلىق رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1989 – يىلى 3 – ئايدىن 1991 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى تېخنىكىلىق رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1990 – يىلى 1 – ئايدىن 1991 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىلقا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقى ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان)؛ 1991 – يىلى 1 – ئايدىن 1993 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى تېخنىكىلىق رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993 – يىلى 2 – ئايدىن 1995 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىلقا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1994 – يىلى 3 – ئايدىن 1994 – يىلى 7 – ئايغىچە جۇڭگو خەلق ساقچى ئوفىتسېرلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باشلىقلىرى كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1995 – يىلى 4 – ئايدىن 1998 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان؛ 1998 – يىلى 4 – ئايدىن 2000 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2001 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان (1999 – يىلى 3 – ئايدىن 2000 – يىلى 10 – ئايغىچە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2001 – يىلى 3 – ئايدىن 2004 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك رازۋېدچىك بولغان (ئارىلىقتا 2001 – يىلى 9 – ئايدىن 2001 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ نازىر دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2003 – يىلى 3 – ئايدىن 2003 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2004 – يىلى 2 – ئايدىن 2006 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2006 – يىلى 5 – ئايدىن 2009 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2009 – يىلى 12 – ئايدىن 2013 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (نازىر دەرىجىلىك)، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2013 – يىلى 12 – ئايدىن 2015 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (نازىر دەرىجىلىك)، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر بولغان؛ 2015 – يىلى 4 – ئايدىن 2015 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (نازىر دەرىجىلىك)؛ 2015 – يىلى 5 – ئايدىن 2015 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (نازىر دەرىجىلىك)، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2015 – يىلى 11 – ئايدىن 2017 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى (نازىر دەرىجىلىك)، شىنجاڭ قانۇن ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى (قوشۇمچە) بولغان؛ 2017 – يىلى 2 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر، باش نازارەتچى ساقچى.
                                                           رېن خۇانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 
  رېن خۇا، ئايال، خەنزۇ، 1964 – يىلى 3 – ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ يەنتەيدىن، 1986 – يىلى 7 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 – يىلى 11 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا  – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى.
  1982 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1986 – يىلى 7 – ئايدىن 1987 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 1 – باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1987 – يىلى 3 – ئايدىن 1991 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1991 – يىلى 12 – ئايدىن 1992 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1992 – يىلى 7 – ئايدىن 1995 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ھەيدەكچىلىك قىلىش –  تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان (1992 – يىلى 6 – ئايدىن 1994 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەسى داۋان يېزىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقىلىق ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان)؛ 1995 – يىلى 11 – ئايدىن 2000 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 1996 – يىلى 9 – ئايدىن 1996 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ناھىيە – باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2004 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2002 – يىلى 7 – ئايغىچە يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادىي قانۇن كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2004 – يىلى 2 – ئايدىن 2006 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا 2005 – يىلى 3 – ئايدىن 2005 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2006 – يىلى 6 – ئايدىن 2006 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2006 – يىلى 9 – ئايدىن 2013 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان(2010 – يىلى 7 – ئاي) (ئارىلىقتا 2010 – يىلى 11 – ئايدىن 2012 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ مالىيە  –  ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا – سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇپ، ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا  – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى ئۇنۋانى ئالغان)؛ 2013 – يىلى 3 – ئايدىن 2017 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر بولغان (ئارىلىقتا 2016 – يىلى 2 – ئايدىن 2017 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىسىغا چۈشكەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2016 – يىلى 6 – ئايدىن 2016 – يىلى 10 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك كۆزىتىش 4 – گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان)؛ 2017 – يىلى 8 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (قوشۇمچە)، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر.

مەڭلىك سېيىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  مەڭلىك سېيىت، ئەر، ئۇيغۇر، 1962 – يىلى 9 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ پىچاندىن، 1985 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 – يىلى 11 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى خىمىيە قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ ئانئورگانىك خىمىيە سانائىتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، لېكتور.

 1980 – يىلى 9 – ئايدىن 1981 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە ئوقۇغان؛ 1981 – يىلى 9 – ئايدىن 1985 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى خىمىيە قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ ئانئورگانىك خىمىيە سانائىتى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1985 – يىلى 7 – ئايدىن 1985 – يىلى 8 – ئايغىچە تەقسىمات كۈتكەن؛ 1985 – يىلى 8 – ئايدىن 1993 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، قوشۇمچە ئوقۇغۇچىلار سىياسىي يېتەكچىسى، ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1993 – يىلى 1 – ئايدىن 1997 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا 1995 – يىلى 3 – ئايدىن 1995 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە – باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار نەزەرىيە سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1997 – يىلى 1 – ئايدىن 1998 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان (ھاكىم دەرىجىلىك)؛ 1998 – يىلى 9 – ئايدىن 2002 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ھاكىم دەرىجىلىك)؛ 2002 – يىلى 5 – ئايدىن 2004 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (ھاكىم دەرىجىلىك)، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2004 – يىلى 5 – ئايدىن 2005 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل ۋىلايەتلىك قاتناش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2005 – يىلى 7 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (ھاكىم دەرىجىلىك)؛ 2006 – يىلى 1 – ئايدىن 2008 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2008 – يىلى 8 – ئايدىن 2008 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2008 – يىلى 10 – ئايدىن 2012 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان (ئارىلىقتا 2011 – يىلى 3 – ئايدىن 2011 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2012 – يىلى 9 – ئايدىن 2013 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2013 – يىلى 3 – ئايدىن 2016 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 2016 – يىلى 5 – ئايدىن 2016 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى نامزاتى بولغان؛ 2016 – يىلى 6 – ئايدىن 2017 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2017 – يىلى 2 – ئايدىن 2018 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى.

  قادىربېك قامزانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  قادىربېك قامزا، ئەر، قازاق، 1961 – يىلى 12 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ دۆربىلجىندىن، 1982 – يىلى 5 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986 – يىلى 12 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1982 – يىلى 5 – ئايدىن 1987 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەرجىمانى، قوشۇمچە پۈتۈكچى بولغان (ئارىلىقتا 1985 – يىلى 9 – ئايدىن 1987 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ سىياسىي – قانۇن كادىرلىرى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي – قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1987 – يىلى 7 – ئايدىن 1990 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1990 – يىلى 8 – ئايدىن 1992 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك ياردەمچى تەپتىشى بولغان؛ 1992 – يىلى 9 – ئايدىن 1995 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 1 – بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بۆلۈم دەرىجىلىك تەپتىش بولغان؛ 1995 – يىلى 5 – ئايدىن 1996 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تولى ناھىيەسىنىڭ ھاكىم ياردەمچىسى بولغان؛ 1996 – يىلى 12 – ئايدىن 2002 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چاغانتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا 1998 – يىلى 9 – ئايدىن 1999 – يىلى 7 – ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2002 – يىلى 7 – ئايدىن 2003 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساۋەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2003 – يىلى 1 – ئايدىن 2005 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساۋەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان (ئارىلىقتا 2003 – يىلى 8 – ئايدىن 2003 – يىلى 12 – ئايغىچە بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونىنىڭ رايون باشلىقى ياردەمچىسى ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان)؛ 2005 – يىلى 1 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى، ئىشخانا پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان (2003 – يىلى 9 – ئايدىن 2005 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە ئىشلەۋېتىپ تولۇق كۇرستا ئوقۇغان)؛ 2006 – يىلى 1 – ئايدىن 2008 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 9 – شىسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولغان؛ 2008 – يىلى 5 – ئايدىن 2014 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (ئارىلىقتا 2011 – يىلى 3 – ئايدىن 2011 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2014 – يىلى 7 – ئايدىن 2016 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (نازىر دەرىجىلىك)، بەنگۇڭتىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2016 – يىلى 7 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش