首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

  پارتىيەنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى باشقۇرۇشىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-02-12 15:59:17 :ۋاقىت

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارخىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى باشقۇرۇشىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 2 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇپ ھەم چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى مۇقىم ئېشىپ، قۇرۇلمىسى كۆپ مەنبەلىشىشكە يۈزلىنىپ، تەربىيەلىنىش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: چەت ئەلدە ئوقۇش كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئالماشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار مائارىپى ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ‹‹چەت ئەللەردىن جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇش››نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك داڭلىق ماركىسىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى باھالاشنى چىڭىتىپ، ئەۋزەل مائارىپ بايلىقىنىڭ تۈجۈپىلىك تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پەن، كەسىپ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، سودا قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە بىر تۈركۈم ئەسقاتىدىغان، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش كېرەك. مەخسۇس ۋەزىپىلىك بولۇش ئاساس قىلىنغان، مەخسۇس ۋەزىپىلىك بولۇش بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپىلىك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن، يۇقىرى سەۋىيەلىك چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىنسانىي غەمخورلۇقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىپ، جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئوقۇش كەچۈرمىشىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى، شىنجاڭنىڭ ئوبرازى ۋە جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلىشىش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەم زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش