首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-02-13 01:06:59 :ۋاقىت

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك

لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ چىڭ ئىشەنچ، تېخىمۇ پۇختا تەدبىر، تېخىمۇ ياخشى ئىستىل بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللە، يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
     لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە مەخسۇس گۇرۇپپىلار، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، تەسەۋۋۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
     لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ‹‹ئۈچنى ئۆزگەرتمەسلىك›› پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ، زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش؛ جەزمەن باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش نىشانغا بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش؛ جەزمەن ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
     لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، تىزىملىك تۈزۈپ، ھېسابات دەپتىرى ئېچىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باش نىشانغا، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
     لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، پىلانلاشتا، مەسئۇلىيەتتە، ئىستىلدا، ئۈنۈمدە ئەمەلىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹مىخ قېقىش روھى›› ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش