首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2018–يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى يېڭىچە شەكىلدە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-02-14 12:10:14 :ۋاقىت

يۈزتۇرا، قايىل قىلارلىق بولۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، بەخت تىلەش

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، چاغاننى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈش، چاغانلىق كاتتا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش›› تېمىسىدىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى 14 - فېۋرال كەچ سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قاناللىرىدا كۆرسىتىلىدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىغا بېرىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا يەتتە شۆبە مەيدان تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن كەڭ – كۇشادە سىردىشىپ، ئۆزگىرىشلەر، جەم بولۇش، بەختلىك تۇرمۇش ھەققىدە پاراڭلىشىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى  چاغاننى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشتىكى ئۆزگىچە ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە خۇشال كەيپىياتتىن بەھرىلىنىپ، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ئاممىغا ئېسىل، ئۆزگىچە چاغانلىق كاتتا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى سۇنىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش