首页 > ئېلان-ئۇقتۇرۇش

«1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-04-27 17:21:29 :ۋاقىت


ماتېرىيال سۈرەت

ئۆز خەۋىرىمىز: 2018-يىللىق «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، كونكرېت ۋاقتى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:00 دىن باشلىنىپ، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 24 تە ئاخىرلىشىدۇ.

ETC ئاپتوموبىل يولى پۈتۈنلەي نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ھەق ئېلىش (تورلاشتۇرۇش) نى باشقۇرۇش مەركىزى ھېيت، بايرام مەزگىللىرىدە ھەقسىز يول يۈرۈش پارامېتىرىنى بىر تۇتاش تارقىتىدۇ.

شىنجاڭ تاشيول تارماقلىرى بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدا يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ كۆپىيىپ، يول قاتناش بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بايرامدىن بۇرۇن ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، ھەق ئېلىش ئەسلىھەسى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى قاتناش، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاشيولنى بويلىغان LED ئۆزگىرىشچان خەۋەر تاختىسى، قاتناش رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ھېيت، بايرام مەزگىلىدىكى يول قاتناش ئۇچۇرلىرىدىن ئاممىنى ئالدىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى ئالدىن تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ زىيادە يىغىلىۋېلىپ،  قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش