首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-07 18:12:58 :ۋاقىت

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى. ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ماركسىزملىق ئىلمىي ھەقىقەتكە بولغان قەتئىي ئېتىقادىمىزنى جاكارلاش ئۈچۈن ماركسنى خاتىرىلەۋاتىمىز. ماركسىزم باشتىن – ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، دۇنيانى تونۇشىمىز، قانۇنىيەتنى ئىگىلىشىمىز، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشىمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يەنىلا ماركستىن ئۆگىنىپ، ماركسىزمنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز ئىلمىي ئەقىل – پاراسەت ۋە نەزەرىيەۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئىرادىگە، تېخىمۇ ئىشەنچكە، تېخىمۇ ئەقىل – پاراسەتكە تولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماركس، ئېنگېلس تەسەۋۋۇر قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى جۇڭگو زېمىنىدا داۋاملىق جانلىق نامايان قىلىشى كېرەك. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلىدۇ)
    لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.
    خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. رەئىس سەھنىسىگە ‹‹ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى›› دېگەن پىلاكات ئېسىلغان، سەھنە تېمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ماركسنىڭ سۈرىتى بىلەن ‹‹2018 – 1818›› دېگەن ھەرب بەلگىسى ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. چوڭ زالنىڭ 2 – قەۋەت بالكونىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى! دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى.
    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
    گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماركس دۇنيا پىرولېتارىياتلىرى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ئۇستازى، ماركسىزمنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەگە ئاساس سالغۇچى ۋە خەلقئارا ئىنتېرناتسىيونالىزمنى بەرپا قىلغۇچى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر. ماركسنىڭ ھاياتى كۆڭلىگە يۈكسەك غايىنى پۈكۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات، جاپا – مۇشەققەت، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىدىيەنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە جاسارەت بىلەن ئۆرلىگەن ھايات، كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دۇنيانى قۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز جەڭ قىلغان ھايات.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مەنىۋى بايلىقى دەل ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىلمىي نەزەرىيە ــــ ماركسىزم. بۇ نەزەرىيە خۇددى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تارىخ ئۈستىدە ئىزدىنىش قانۇنىيىتى ۋە ئۆزىنى ئازاد قىلىشنى ئىزدەش يولىنى يورۇتۇپ بەردى. ماركسنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيەسى ئەينى دەۋرنى مەنبە قىلغان، شۇنداقلا ئۇ دەۋردىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ھەم ئەينى دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى، ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەت روھىنىڭ جەۋھىرى. ماركسىزم ئىلمىي نەزەرىيە، ئۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىجادىي ئېچىپ بەردى. ماركسىزم خەلقنىڭ نەزەرىيەسى، ئۇ، تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ ئۆز ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئىدىيە سىستېمىسىنى ياراتتى. ماركسىزم ئەمەلىيەتنىڭ نەزەرىيەسى، ئۇ، خەلقنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. ماركسىزم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان ئوچۇق نەزەرىيە، ئۇ باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ماركس، ئېنگېلس ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى دەۋر، ئەمەلىيەت، تونۇش تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تارىخ، ئىنسانلار تارىخىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر ئىدىيە، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى تولۇقلايدىغان تارىخ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركسىزم ئۆزىنىڭ گۈزەل ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدۇ، دەۋر تەرەققىياتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تېمىلار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىسلارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنغان 170 يىلدىن بۇيان، ماركسىزم دۇنيادا كەڭ تارقالدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدا، ماركسىزمدەك ئىنسانىيەتكە بۇنداق كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدىيەۋى نەزەرىيە بولغان ئەمەس. ماركسىزم ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، ئۇ تا ھازىرغىچە يەنىلا زور خەلقئارا تەسىرگە ئىگە ئىدىيە سىستېمىسى ۋە سۆز سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ، ماركس تا ھازىرغىچە ‹‹1000 يىل مابەينىدىكى تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر›› دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ كەلدى.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسىزم دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىمۇ چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزمنىڭ تەقدىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەقدىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئاللىقاچان چەمبەرچاس باغلانغان، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقىيلىقى جۇڭگودا تولۇق سىناقتىن ئۆتتى، ئۇنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچىللىقى جۇڭگودا تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقى جۇڭگودا تولۇق نامايان قىلىندى. ئەمەلىيەت يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ قەدىمىي چوڭ دۆلەتكە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ياراتقۇزدى. تارىخ ۋە خەلقنىڭ ماركسىزمنى تاللىشى پۈتۈنلەي توغرا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى ئۆز بايرىقى ئۈستىگە يېزىشى پۈتۈنلەي توغرا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش پۈتۈنلەي توغرا. ماركسقا شۇنداق تەسەللى بېرەلەيمىزكى، ماركسىزم جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى، قەتئىي ئەمەلىيەتچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشماقتا.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركستىن ئۆگىنىشتە،  ماركسىزمنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كوممۇنىزم يۈكسەك غايىسىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسى بىلەن، شۇنداقلا بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ غايە – ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، تارىخىي ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئورتاق يارىتىش كېرەك. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ئۈستقۇرۇلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانۇنىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلقنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش كېرەك. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ دۇنيا تارىخى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىللە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە بولۇپ، ماركسىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە – ئېتىقادىنىڭ جېنى. پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم سەۋەبنىڭ پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، قەتئىي ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى ساقلىغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ھازىر، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىم بولۇشى، زىددىيەت، خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسنىڭ كۆپ بولۇشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقىنىڭ زور بولۇشى مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. بىز ئۈستۈنلۈك، تەشەببۇسكارلىق ۋە كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ماركسىزمدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، زور خەۋپ – خەتەرگە قارشى تۇرۇش، زور توسالغۇنى تۈگىتىش، زور زىددىيەتنى ھەل قىلىش، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى كۆز قاراش بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد ۋە كوممۇنىزم غايىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشىمىز كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ماركسىزم، لېنىنىزمنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشى كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سىجىل ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، مەسىلە تۇتۇپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئىلمىي ئىدىيەۋى نەزەرىيەنى دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشى كېرەك. كوممۇنىستلار ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، ماركسىزم قائىدىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى بىر خىل تۇرمۇش ئادىتى، بىر خىل مەنىۋى ئىستەك، دەپ بىلىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق توغرا كەيپىياتنى ساقلاپ، ئىدىيەسىنى تاۋلاپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلمىي نەزەرىيەگە مۇئامىلە قىلىشتا چوقۇم ئىلمىي پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك. نەزەرىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتا، ماركسىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بىز قەتئىي ھالدا ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىشىمىز، دەۋرنى چۈشەندۈرۈشىمىز، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، جانلىق ۋە مول بولغان ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى كەڭ نەزەر دائىرە ئارقىلىق قوبۇل قىلىشىمىز، ئىسلاھات داۋامىدا تەۋرەنمەي يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزىدىن ئۈزلۈكسىز ھالقىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ، 21 – ئەسىر ماركسىزمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى تېخىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك.
     ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولغان شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
     يىغىن ھەيۋەتلىك ‹‹ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى›› ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
    مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ماركسىزم يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، پايتەختتىكى ئىجتىمائىي پەن، نەزەرىيە ساھەسى ۋە ئالىي مەكتەپ ماركسىزم شۆيۈەنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ 3000چە كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش