首页 > خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-08 05:55:34 :ۋاقىت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان»دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن- نىزام چىقىرىش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كۈچەپ سىڭدۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشتا يۆنىلىشنىڭ تېخىمۇ روشەن، تەلەپنىڭ تېخىمۇ ئېنىق، تەدبىرلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بەش يىلدىن ئون يىلغىچە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئەخلاق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قانۇن- نىزامغا سىڭدۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، قىممەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىغا جەزمەن ئەمەل قىلىش شەرت.
«يىرىك پىلان»دا تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، توختامنى قوغداش، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باراۋەر ئالماشتۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىش قاتارلىقلارنى تۈپ يۆنىلىش قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇن- تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئادىللىقنى يادرولۇق پىرىنسىپ قىلغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ مەنىۋى روھىنى يارىتىپ، ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ قانۇنچىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىدىكى بىر تۇتاش يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمىسىگە سىڭدۈرۈپ، روشەن قىممەت يۆنىلىشىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يادرو قىلغان ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقى ھەرىكىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ كىشىلەرنى تەربىيەلەش، ئۆزگەرتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت قانۇن- تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت كەسپى قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق قانۇن- تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى ئۇچۇرى ساھەسىدە قانۇن تۇرغۇزۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار قانۇن- تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى قانۇن- تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، قانۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش، سەھىيە جەھەتتىكى قانۇنلارنى تۈزۈپ، ئادىل، باب، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاساسىي داۋالىنىش، سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا دائىر قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى پائال قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. بەشىنچى، كىشىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق، ئىنچىكە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قانۇن- تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قانۇن- تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇش يولىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن- نىزام، بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، ئىقتىسادچىل- تېجەشلىك بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىقنى قەدىرلەش، ئىقتىسادچىل ئىستېمال ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، ئەخلاق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەخسۇس قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، بىر قىسىم ئاساسىي ئەخلاق تەلەپلىرىنى قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈش كېرەك. قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى قوغداش جەھەتتە قانۇن تۈزۈپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان، قوغدايدىغان، ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان، ئۇلارنى سۆيىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن- تۈزۈم ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىناۋەت جەھەتتىكى قانۇننى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇشنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىقنى بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇقرالارنىڭ مەدەنىي ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى قانۇن- تۈزۈمنى بېكىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئومۇمىي خەلقنى مەدەنىيلىك قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىي، يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەكىتلەندى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن- نىزاملارغا كىرگۈزۈش جاپالىق ۋەزىپە بولۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، قانۇن- نىزاملاردا دۆلەتنىڭ قىممەت نىشانى، جەمئىيەتنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى، پۇقرالارنىڭ قىممەت مىزانىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە سىڭدۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن- نىزاملارغا سىڭدۈرۈشىنى قوللىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي سىياسىي- قانۇن كومىتېتى ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئۈستىدە قانۇن چىقىرىش ئېھتىياجىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى توپلاش ۋە دەلىللەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى، قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىقىرىلغان قانۇن- نىزاملارنى ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىشى، چۈشەندۈرۈشى كېرەك. جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلولارنى خەۋەر قىلىپ، قانۇن- نىزام روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىيات تۇرغۇزۇپ، رەزىل قىلمىشلارنى قامچىلاپ، كىشىلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش