首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەتقىقات–مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 4–نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش خەلقئارا تەتقىقات–مۇھاكىمە يىغىنىغا خەت ئەۋەتتى

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-14 16:43:24 :ۋاقىت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 5–ئاينىڭ 12–كۈنى تېلېگراممىسى. ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەتقىقات–مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 4–نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يەر تەۋرەش خەلقئارا تەتقىقات – مۇھاكىمە يىغىنى 5–ئاينىڭ 12–كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا خەت ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننى قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتىدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى پايدىلىق تەجرىبە ۋە ئەسكەرتمە بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چېكى يوق، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مەڭگۈلۈك تېما. ئاپەت پەيدا بولۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تونۇش، ئاپەتنىڭ خەۋپ–خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىش ۋە يېنىكلىتىش، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىشى كېرەك. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە قەتئىي تەۋرەنمەي، مۇداپىئەنى ئاساس قىلىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ بۇ قېتىمقى تەتقىقات–مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ‹‹يەر تەۋرەش خەۋپ–خەتىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش›› دېگەن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، پائال قاتنىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ خەۋپ–خەتىرىنى ئازايتىپ، كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش