首页 > خەۋەرلەر > شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىرىنچى پەسىلدە شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلار توردا 14 مىليارد 720 مىليون يۈەنلىك مال سېتىۋالدى

تەڭرىتاغ تورى :مەنبە 2018-05-15 06:05:07 :ۋاقىت

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جۇ جىڭ 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بىر تەرەپتىن تېز پوسۇلكىنى ئاچقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى توردا مال سېىتىۋېلىش دېتالىنى ئېچىپ، توردا بازار ئارىلايمەن، ياقتۇرغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ھارۋىسىغا سېلىپ قويىمەن، بۇ ھازىر مېنىڭ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چوقۇم قىلىدىغان ئىشىمغا ئايلاندى، ئەگەر بىرەر كۈن توردا بازار ئارىلىمىسام كۆڭلۈم بىر قىسىملا بولۇپ قالىدۇ.

جۇ جىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، دەسلەپتە ئۇ پەقەت سىناپ باقماقچى بولغان، ئەمما ھازىر توردا مال سېتىۋېلىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ئىشقا ئايلانغان. جۇ جىڭ يەنە مۇنداق دېدى: توردا مال سېتىۋېلىش قولاي، باھاسىمۇ ئەرزان، يەنە كېلىپ بىۋاسىتە ئۆيىڭىزگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ھازىر مەن ھەممە نەرسىلەرنى دېگۈدەك توردىن سېتىۋالىمەن.

ئالاقە تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭىپ كىردى. توردا مال سېتىۋېلىش بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەن مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلار توردا 14 مىليارد 720 مىليون يۈەنلىك مال سېتىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.5 ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 73 مىليارد 386 مىليون يۈەنگە يەتكەن. سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتتىن، بىرىنچى پەسىلدە شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلار توردا سېتىۋالغان مال سوممىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20.1 ىنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ سېتىش ئۇسۇلىنى، يەنى ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باشقىلارنىڭ كېلىپ سېتىۋېلىشىنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تورى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، شۇنداقلا ئەشيا ئوبوروتىنى تېز يەتكۈزۈش كەسپى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش