首页 > خەۋەرلەر > مەركەزدىن كەلگەن خەۋەر

شياڭگاڭنىڭ ئىچكىرى جايلار بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شياڭگاڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى قوللاش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى :مەنبە 2018-05-15 18:10:20 :ۋاقىت

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ شياڭگاڭدىكى 24 ئاكادېمىكى 2017- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى تەخىرسىز ئارزۇسى، پەن- تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى غايەت زور قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم دەرھال مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭنىڭ ئىچكىرى جايلار بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنىشىنى، شياڭگاڭ پەن- تېخنىكا ساھەسىنىڭ پەن- تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى قوللاش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شياڭگاڭ بىر قەدەر كۈچلۈك پەن- تېخنىكا ئاساسىغا، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان يۇقىرى ساپالىق پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىگە، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشىدىكى مۇھىم كۈچ. ئۇزاقتىن بۇيان شياڭگاڭ پەن- تېخنىكا ساھەسى شياڭگاڭ ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭنىڭ ئىچكىرى جايلار بىلەن بولغان پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنىشىنى قوللاپ، ئىچكىرى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ پەن- تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ بىلەن ئىچكىرى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشۇش − شياڭگاڭدا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شياڭگاڭدىكى ئاكادېمىكلارنىڭ خېتىدە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، كونكرېت سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، شياڭگاڭ پەن- تېخنىكا ساھەسىنىڭ پەن- تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى قوللاش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شياڭگاڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي پەن تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شياڭگاڭنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن ئىچكىرى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلدى، ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى قەتئىي تېزدىن ياخشى ئىشلىدى.
ھازىر ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ شياڭگاڭدىكى ئاكادېمىكلىرى ئىنكاس قىلغان دۆلەت پەن تەتقىقات تۈرى خىراجىتىنى چېگرا ھالقىپ شياڭگاڭدا ئىشلىتىش، پەن تەتقىقات ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلىرىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشتە تاموژنا بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل قىلىندى. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانى شياڭگاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبىخانا بولغان 16 نۇقتىلىق شياڭگاڭ- ئاۋمېن ھەمكارلىق تەجرىبىخانىسىغا بىۋاسىتە مەدەت بەردى ھەم نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، دۆلەتنىڭ پەن- تېخنىكا پىلانىدا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ پەن تەتقىقات پائالىيىتىگە بىۋاسىتە ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئومۇمىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلدى. شياڭگاڭنىڭ ئىچكىرى جايلاردا تەسىس قىلغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان ئىمپورت بېجى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ئاۋمېندىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبىخانا بولغان ئىككى نۇقتىلىق شياڭگاڭ- ئاۋمېن ھەمكارلىق تەجرىبىخانىسىمۇ دۆلەتنىڭ پەن- تېخنىكا پىلانىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن پەن- تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن قىزغىن بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىستېمىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ دۆلەت پەن- تېخنىكا پىلانىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئىچكىرى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش